Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىنەن شەھىرىدىكى شىمالىي جامە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى جۇڭچي گەنشىچاۋ شەرقىي يۇڭچاڭ كوچىسىدا. بۇ مەسچىت 1765 - يىلى سېلىنغان. كۆلىمى جىنەن شەھىرىدىكى جەنۇبىي جامەدىن سەل كىچىك. ئىمارەتلەر ئىككى ھويلىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، دەرۋازا، دەرسخانا، نامازخانا قاتارلىقلار بار. مەسچىت يېڭىدىن سېلىنغاندا نامازخانا كىچىك بولۇپ، كېيىن ئۇلاپ كېڭەيتىلگەن.