Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىھاد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دىن يولىدا ئۇرۇشۇش، دىن ئۈچۈن كۈرۈش قىلىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇرۇش، سوقۇش، جەڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىن ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇش، مۇقەددەس ئۇرۇش.
«غازادتا ئۆلسەڭ شېھىت، قالساڭ غازى» دېگەن ئەقىدە مۇسۇلمانلارغا سىڭگەن. ھۈسىيىن دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئەرەبلەرنى جىھاد قىلىشقا چاقىردى، ئەمما ئاۋاز قوشقانلار كۆپ بولمىدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <كۈچ چىقىرىش>، <جەڭ قىلىش> دېگەنلىك بولۇپ <ئاللا يولىدا جەڭ قىلىش> دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئۇ ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلىش يولىدىكى ھەممە تىرىشچانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، <قۇرئان كەرىم> دە دەسلەپكى چاغلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈرەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ناماز ئوقۇغان، سەدىقە بەرگەندىن باشقا، قولىغا قورال ئېلىپ مۇشرىكلار بىلەن جەڭ قىلىش، ئاللا يولىدا مېلى ۋە جېنىنى تىكىپ قويۇپ جەڭ قىلىش بەلگىلەنگەن. <قۇرئان كەرىم> دىكى 2 - سۈرىنىڭ 244 - ئايىتىنى ئوقۇسىڭىزمۇ بۇنىڭ مۇھىم دىنىي مەجبۇرىيە ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. جىھاد دەسلەپكى چاغلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىم شەكلى بولۇپ، ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىش داۋامىدا چوڭ رول ئوينىدى. شەرىئەتكە ئاساسلانغاندا، جىھاد ئېلان قىلىش خەلىپىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، جىھاد ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم دىنىي مەجبۇرىيەت بولالمىدى. خاۋارىجلار جىھادنى بەش پەرز قاتارىغا كىرگۈزۈپ، 6 - پەرز قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. جىھادتا قۇربان بولغۇچى <شېھىت> دەپ ئاتالدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
جىھات
كۈرەش، جەڭ