Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىنىڭدىكى شەرقىي جامە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«شۇنخې شەرقىي مەسچىت» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى شەندۇڭ جىنىڭ شەھىرىدىكى قەدىمىي قانالنىڭ غەربىي قىرغىقىدا. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان. كۆلىمى چوڭ، قۇرۇلۇشى ھەيۋەتلىك، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە رېمونت قىلىنغان. مەسچىتتە قۇياش - ئاي خاتىرە راۋىقى، دەرۋازا، ئەزان مۇنارىسى، دەرسخانا، مۇستەھەپخانا، خانىقا، مىئزەنە، ئارقا بىنا قاتارلىق قۇرۇلۇشلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى جۇڭگو ئىسلام بىناكارلىقىدىكى ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈلگەن