Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىنىسسز كۆپىيىش
بىئولوگىيە
ئاتىلىق ۋە ئاتىلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق بولماي، بەلكى ئەجدادنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ھۈجەيرىگە بۆلۈنۈشى ئارقىلىق يېڭى يەككە تەنگە ئايلىنىش، ياكى ئەجدادنىڭ تەن ھۈجەيرە توپى ئانا تېنىدىن ئايرىلىپ چىقىپ يېتىلىپ، مۇكەممەل بولغان يەككە تەنگە ئايلىنىدىغان كۆپىيىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كۆپىيىشتە گامېتا (ياكى تۇخۇم سپېرما) ھاسىل بولۇش، سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش بولمايدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن سپورىدىن كۆپىيىش، بۆلۈنۈپ كۆپىيىش ۋە بىخ چىقىرىپ كۆپىيىش، قاتارلىقلار بار. (1) سپوردىن كۆپىيىش (Sporulatinm) ئانا تېنى سپورا ھاسىل قىلىدۇ، سپورا بىخلىنىپ يېڭى يەككە تەنگە ئايلىنىدۇ. سپورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە سپورىىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە سپورىلىق قۇرتلارغا قاراڭ. بۇ بىر قەدەر تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلاردا ئومۇميۈزلۈك بولىدىغان بىر خىل جىنىسسىز كۆپىيىش ئۇسۇلى. (2) بۆلۈنۈپ كۆپىيىش (fission). تاق ھۈجەيرىلىك جانلىقلارنىڭ بۆلۈنۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق (بىرىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى) يېڭى يەككە تەننى ھاسىل قىلشى. مەسىلەن، كۆك يۈسۈن باكتېرىيە، ئېۋگلېنا، تۇفلېكا قاتارلىقلار. (3) بىخ چىقىرىپ كۆپىيىش (budding) ئانا تەن بىخ چىقىرىدۇ، بىخ چوڭايغاندىن كېيىن ئانا تېنىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل يەككە تەنگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى، گىدرا، مېدۇزا قاتارلىقلار بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋېگېتاتىۋلىق شاخلىرى تۇراقسىز بىخ ۋە تۇراقسىز يىلتىزلارنى چىقىرىپ، يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇ خىل ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىش ئالاھىدىلىكى خېلى بۇرۇنلا يېزا ئىشلەپچىىرىشىدا كىشىلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغان. مەسىلەن، تۈگۈنەك يىلتىز ۋە تۈگۈنەك غولنى كۆچۈرۈش قەلەمچە تىكىپ كۆپەيتىش قاتارلىقلار بۇ خىل سۈنئىي ئۇسۇلدا ۋېگېتاتىۋلىق كۆپەيتىشمۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل جىنىسسىز كۆپىيىشكە كىرىدۇ. جىنىسسىز كۆپىيىش جەريانىدا، جانلىقلارنىڭ ئىرسىيەت خەۋەرلىرىدە قايتا گۇرۇپپىلىنىش كۆرۈلمەيدىغان بولغاچقا، ئەۋلادنىڭ ئىرسىيەت خەۋەرلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، بۇ ئەلا سورتنىڭ ئالاھىدلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنىسسىز كۆپىيىش مۇرەككەپ بولغان تۆرەلمىلىك يېتىلىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمۇ بىر - قەدەر تېز بولىدۇ، شۇڭا بۇ تۈرلەرنى كۆپەيتىشكە پايدىلىق. ئوخشاش بىر ئەجدادتىن جىنىسسىز كۆپىيىش ئارقىلىق كۆپىيىپ ھاسىل بولغان يەككە تەنلەر توپى ئادەتتە جىنىسسىز كۆپىيىش سىستېمىسى ياكى كولونىيە دەپ ئاتىلىدۇ.