Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوزاخ شوتىسى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويى ئېگىز كىشى، پاكارنىڭ ئانتونىمى.
«دوزاخ شوتىسى» ئورانىغا قاراپ، يا تىل، يا چاقچاق.
ئۇ بىر شادىپاچاق ئادەم بىلەن كېتىپ باراتتى. ھەسەن دارازا توختىماي كۈلەتتى. ئەلدارازۇن ئەخمەقۇن ئىللا ئۆمەر، ئەلپاكارۇن پىتنەتۇن ئىللا ئەلى. ئۇزۇنتۇرا ئۆمەرمۇ كەلگەنىدى. ھۇي دوزاخ شوتىسى، ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە، _ دېدى ئايشەمخان. مۇنۇ دوزاخ شوتىسىنى قارا، گەپ قىلمىسا، ھەددىدىن ئېشىۋاتىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بويى، جۇغى ئېگىز.
پاكار، پاكىنەك، پەتەك، پىستە، پارپا، جەدىۋار
بويى، جۇغى پەس.
ئۇزۇنتۇرانىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە پاكىنەكنىڭ جېنى چىقىپتۇ. دارازا دارغا چىقالماس. پەتەك داگازىدىن كۈلۈپتۇ. شادا پاچاقنىڭ پاچىقى ئاسان سۇنار. ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقار. دوزاخ شوتىسى ئەپ بىلەن ماڭمىسا، ئاسان يىقىلىدۇ، قېرىغاندا دۈمچىيىدۇ. پارپا ئىشىكتىن ئېگىلىپ كىرەر. پىستە ئىت ئۆلگۈچە كۈچۈك. جەدىۋار سۆزگە ئۇستا.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بويى ناھايىتى ئېگىز، ئۇزۇنتۇرا، شادىپاچاق، درازا: - نوچى بولساڭ، تاپانچاڭنى ئېتىپ باققىنە قېنى، دوزاخ شوتسى! - دېدى ئۇ.