Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوزاخقا ئۆگەنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، جاپالىق مۇھىتقا ئۆگىنىپ قالغان ئادەم توققۇزى تەل بولغان، راھەت - پاراغەتلىك باياشات تۇرمۇش مۇھىتىغا كۆنەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - ئەلھازا مۇستاپا، سېنىڭ راستتىنلا پەيمانىڭ توشۇپتۇ! - دېدى دانىش ئىمام بوغۇلۇپ، - دوزاخقا ئۆگەنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ، دېگەن گەپ راست ئىكەن، ئەمدى مەندىن خاپا بولما!