Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوزاخ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، گۇناھكارلارنىڭ روھى مەڭگۈ ئازاپ چېكىدىغان يەر؛ شۇنىڭغا نىسبەتەن، بۇ دۇنيادىكى پاجىئەلىك، زۇلمەتلىك تۇرمۇش مۇھىتى تەمسىل قىلىنىدۇ.
دوزاخنى كۆرگەن جەننەتنى ئۇنتۇماس. ئاغزى كۆيمىسە دوزاخنىمۇ يۇتۇۋېتىدىغان. جەھەننەمگە ئۆگەنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە گۇناھلىق ئىشلارنى قىلغان بەندىلەر ئۆلگەندىن كېيىن كىرىدىغان ئوتلۇق زىندان.
جەننەت، بېھىش (ئۇجماغ)
دىنىي چۈشەنچە بويىچە ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلغان بەندىلەر ئۆلگەندىن كېيىن كىرىدىغان ناھايىتى باياشات، گۈزەل باغ.
ئانا ئايىغىدا جەننەت بار. بېھىشتىن چىققان كۆك تاياق، يۈگۈرتىدۇ يالىڭاياغ. بىغەرەزدىن دوزاخ قېچىپتۇ. ھېچكىم ھېچكىمنى جەننەتكە باشلاپ بارمايدۇ. زالىمنىڭ ئورنى جەھەننەم. يامان بىلەن جەننەتتە بولغۇچە، ياخشى بىلەن جەھەننەمدە بل. جەھەننەمنى كۆرمىگەن جەننەتنى ياراتماس. دوزاخقا كۆنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ.
بىئولوگىيە
بۇ پارسچە سۆز بولۇپ، ئەرەبچىدە جەھەننەم دېيىلىدۇ، دوزاخ يامانلىق قىلغانلارنى، ئىمانسىزلارنى جازالايدىغان جاي بولۇ، <جەننەت> بىلەن بىر قاتاردا ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <قۇرئان كەرىم> گە، ھەدىسكە ۋە مۇفەسسىرلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، دوزاخ يەتتە قەۋەت بولۇپ، ئورنى مىدىرلاپ تۇرىدۇ. ئاخىرقى قەۋىتى تېيىلغاق بولۇپ، كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە تېگى يوق ئازگالدىن ئىبارەت. ئىمانسىزلار، يامانلىق قىلغانلار ۋە يامانلىق قىلغان جىن - ئىبلىس قىيامەت سورىقىدىن كېيىن مەڭگۈ دوزاختا قالىدۇ. بۇ يەردە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئادەم ۋە تاشلار يېقىلغۇ قىلىنىدۇ. مۇھىت شۇنداق يامانكى، دوزاختا سالقىنلىق ۋە گۈزەللىك بولمايدۇ. زەھەرلىك شامال ئۇرۇپ، سۇ قايناپ، ئىس قاپلاپ تۇرىدۇ. دوزاخقا چۈشكەنلەر ئوتتىن كىيىم كىيىدۇ، ئوت ئۈستىدە ياتىدۇ، ئوتنى يېپىنچا قىلىدۇ. ئۇخلىيالمايدۇ. قايناۋاتقان سۇنى ۋە يىرىڭنى ئىچىدۇ. تېرىسىنى ئوت قىزىتىپ كۆيدۈرۈپ تۇرىدۇ ھەمدە بېشىغا قايناۋاتقان سۇنى تۆكۈش، قامچىلاش، كىشەن سېلىش قاتارلىق جازالار بىلەن جازالايدۇ ياكى قىزىتىلغان كۈمۈش بىلەن پېشانىسىگە، بېقىنىغا ۋە دۈمبىسىگە ئەن سېلىنىدۇ. دوزاختا ئىشەك ھاڭرىغاندەك نالە - پەرياد ئۈزۈلمەيدۇ. دوزاختىكىلەر جەننەتتىكىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئاللانىڭ ئولۇغلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىنىي ئېتىقاد بويىچە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر، يامان ئىشلارنى قىلغانلار ئۆلگەندىن كېيىن مەڭگۈ ئازاب چېكىدىغان جاي، جەھەننەم.
دوست ئايرىغان دوزاخ تۈۋىدە (ماقال).
كۆچمە. قاراڭغۇ ھەم ئېچىنىشلىق تۇرمۇش مۇھىتى.
ئۇ: - ئاۋۋال بۇ دوزاختىن كېتىۋالايلى، يولدا ماڭغۇچە ھەممىنى دەپ بېرىمەن،- دېدى.