Uyghurئاساسىي لۇغەت
دورىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەييار بىر ئىش - ھەرىكەتكە ئوخشىتىپ ئىشلىمەك.
ئوغۇل ئاتىنى دورايدۇ، قىز ئانىنى. مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام. تەقلىد قىلىنغان ئەسەرنى ئىجادىي ئەسەر دېگىلى بولمايدۇ. بىرەر قورال - سايماننى باشقا قورال - سايمانغا تەقلىد قىلىپ ياساشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باشقىلار نېمە قىلسا شۇنى قىلىپ باقماق، تەقلىد قىلماق.
تىلىڭ كەلمىسە دورىما، خۇشۇڭ كەلمىسە سورىما (ماقال).
بىرىنىڭ بىرەر ئىش ياكى مىجەز - خۇلقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەك، شۇنىڭ ئىزىدىن ماڭماق.
ئوغۇل ئاتىنى دورايدۇ، قىز ئانىنى (ماقال).
بىرىنىڭ بىرەر ئىش ھەرىكىتىنى مازاق قىلىپ كۆرسىتىپ كەمسىتمەك، مەسخىرە قىلماق، زاڭلىق قىلماق.
ئۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ مېڭىشىنى زاڭلىق قىلىپ، دوراپ كۆرسىتىۋاتاتتى.