Uyghurئاساسىي لۇغەت
دوست
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دوست، يېقىن، ئاشىنا، يار، يار - بۇرادەر.
مەھبۇبە، مەشۇق.
خۇدا، تەڭرى:
كىم ئاڭا جۇز دوست زۇھۇر زۇھۇر ئەتمەگەي، بەلكى ئانىڭ غەيرى خۇتۇر ئەتمەگەي.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر تۇغقان قېرىنداشتەك يېقىن.
«دوست» نىڭ دائىرىسى كەڭ، شەخسلەر ئارا بولۇپلا قالماستىن، باشقا جەھەتلەردىمۇ بولىدۇ.
«دوست»، «ئاداش» بىر جىنسكە خاس، ئىككى جىنس ئارا بىر - بىرىگە دېيىلمەيدۇ. «بولماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
«بۇرادەر»، «ئاغىنە»، «ئۆڭگە» ئەر -
مىڭ دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دورۇس بولسۇن. ئاداش، ئاداش بولايلى، بىر نېمە تاپساق تەڭ يەيلى. بۇرادىرىڭ ساپ بولسا، تاشلىقتا ئات بولسا. ئاغىنە ساق بولسا، قۇلۇڭ كۆيمەس. مىلىڭ مىڭغا يەتكۈچە، ئۆڭگەڭ مىڭغا يەتسۇن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئاغىنە»، «سىرداشلار»، «قېرىنداشلار» دېگەنلىك بولىدۇ. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى بىر - بىرىنى «دوست» دەپ ئاتاپ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلارچە دوسلۇقنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆزىگە نىسبەتەن كۆڭلى يېقىن، قېرىنداشلاردەك ئۆتىدىغان ئادەم؛ ئاغىنە، بۇرادەر.
ھەقىقىي دوست.
مېھرىبان دوست.
دوست باشقا قارار، دۈشمەن ئاياغقا (ماقال).
تەرەپدار، ھامىي.
دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز.
ئاشنا، يار.
جان دوستۇم جېنىم دوستۇم، ئايىمخان مېنىڭ دوستۇم، ئايىمخان ئۆلۈپ كەتسە، كىم بولۇر مېنىڭ دوستۇم.