Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېكابر ئاساسىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
1867- يىلى ئاۋسترىيە ئېلان قىلغان ئاساسىي قانۇن. 1867-يىلى 6-ئايدا ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى نېلايتانىيىدىكى بۇرژۇئازىيە بىلەن بولغان زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 12-ئايدا يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلپ، سىياسىي جەھەتتىن بىر مۇنچە يول قويغان. مەزكۇر ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن پارلامېنتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى كېڭەيتىلگەن، ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەرنىڭ ۋەزىرلىرى پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولغان، ئومۇميۈزلۈك ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، باج ئىشلىرى، دىنىي ئىشلار، باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە مەكتەپلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان. 1855-يىلى رىم ۋاتىكانى بىلەن تۈزگەن ھۆكۈمەت - دىن كېلىشىمى بىكار قىلىنغان ۋەھاكازالار. لېكىن يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسلانغاندا، خان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلەر يەنىلا زور ئىمتىيازغا ئىگە بولغان؛ ئاۋسترىيە كورۇلى پارلامېنت يېپىق مەزگىلدە ئالاھىدە پەرمان ئېلان قىلىش، ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتنى بېكىتىش جەھەتلەردە ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان؛ يۇقىرى پالاتا (ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى) ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۆمۈرۋايەت ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يەر ئىگىلىرى بولغان ئاقسۆڭەكلەردىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان؛ كاتولىك دىنى سىياسىي ھاياتتا يەنىلا ناھايىتى زور ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغان. مەزكۇر ئاساسىي قانۇن بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن بولسىم، بىراق ئۇنىڭدا يەنىلا قويۇق فېئوداللىق قالدۇق قېپقالغان.