Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېكابر قوراللىق قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخىروسىيىنىڭ 1905-يىل ئىقىلابى مەزگىلىدە موسكۋا ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردە كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىلاڭ. ئۆكتەبردىكى روسىيە بويىچە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى. 12-ئاينىڭ 7-كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە) موسكۋا ئىشىچلار ۋەكىللىرى سوۋېتى، شەھەرلىك بولشېۋىكلار قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، <بارلىق ئىشچى، ئەسكەر ۋە پۇقرالارغا مۇراجىئەتنامە> ئېلان قىلىپ، سىياسىي ئىش تاشلاشنى جاكارلىغان. چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى قەتئىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. تەخمىنەن 600 كارخانا (100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى) ئىش توختاتقان. ئىككىنچى كۈنى كېچىدە، شەھەردىكى بولشېۋىكلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن شانسېر (1867 - 1191)، ۋاسىلېۋ يۇژىن (1876 - 1937) قولغا ئېلىنغان. 9-كۈنى ئىش تاشلاش قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلانغان. تەخمىنەن 8000 نەپەر ئىشچى قىزىل گۋاردىيىچىلار ھەربىي - ساقچىلار بىلەن ئېلىشقان. قوزغىلاڭ ھارپىسىدا رەھبىرىي كۈچنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ۋە بىر تۇتاش پىلان ۋە ھەرىكەتنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، 19- كۈنى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. دون دەرياسى بويىدىكى روستوۋ، سورموۋو، كراسنويارسكى، نوۋوروسسىيىسك قاتارلىق شەھەرلەر ۋە گرۇزىيە، لاتۋىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق ئېزىلگۈچى مىللەتلەر رايوىدىكى قوزغىلاڭمۇ كەينى - كەينىدىن باستۇرۇلغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ روسىيىدىكى تۇنجى بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىي تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى دولقۇنى بولۇپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.