Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېكابرىستلار
دۇنيا تارىخى
روسىيە ئاقسۆڭەك ئىنقىلابچىلىرى 1825-يىلى 12-ئايدا (روسىيە كالېندارى بويىچە) چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن، شۇنداق ئاتالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرى، روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈم بارغانسېرى زاۋالغا يۈز تۇتۇپ، كاپىتالىزم ئۈزلۈكسىز راۋاجلانغانلىقتىن، فېئودال ھۆكۈمران سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش يۈز بەرگەن. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە 1812-يىلدىكى روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى بىلەن، روسىيىدىكى تەرەققىيپەرۋەر ئاقسۆڭەك ئوفىتسېرلار 1816-يىلى تۇنجى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات <ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى> نى قۇرغان، ئىككى يىلدىن كېيىن <بەخت جەمئىيىتى> گە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن، 1821- يىلى تارقىلىپ كەتكەن. شۇ يىلى مۇراۋىيوۋ رەھبەرلىكىدىكى شىمال جەمئىيىتى بىلەن پېسېنتېل رەھبەرلىكىدىكى جەنۇب جەمئىيىتى شەكىللەنگەن. بۇلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، يانچىلىق تۈزۈمىنى ۋە مۇستەبتلىك تۈزۈمىنى يوقىتىشنى، پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى يوقىتىشنى، پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى ياكى جۇھمۇرىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1825-يىل 12-ئاينى 14-كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە)، شىمال جەمئىيىتى چار پادىشاھ ئالېكساندر Ⅰ نىڭ ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولۇپ، پادىشاھلىق ئورۇن بوش قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پېتربۇرگدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن 21-ئاينىڭ 29-كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە)، جەنۇب جەمئىيىتىمۇ ئوكرائىنادا چېرنىگوۋ پولكىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرغان. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقتىن ئايرىلغانلىقتىن، كەينى - كەينىدىن باستۇرۇلغان. 1826-يىلى پېسېنتېل، مۇراۋىيېۋ، ئاپوستول قاتارلىق بەش كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. 121 كىشى سۈرگۈن قىلىنغان. بىراق دېكابرچىلارنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى خەلقنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.