Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېفو
دۇنيا تارىخى
(1660 - 1731) ئەنگلىيىلىك يازغۇچى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلىپىدە ئىلاھىيەتنى ئوقۇغان، كېيىن سودىگەر بولۇپ كەتكەن. 1685-يىلى پۇرىتانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ۋىليام Ⅲ دەۋرىدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان. دەسلەپكى يىللىرىدا ھېكايە، شېئىر يېزىپ، فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇپ، كاپىتالىستىك سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، شۇ سەۋەبتىن كۆپ قېتىم قاماق جازاسى بېرىلگەن كېيىنكى يىللىرىدا دېڭىزدا خەتەرگە يولۇقۇش ھېكايىلىرى، سەرگەردانلار ھەققىدىكى ھېكايىلەر ۋە تارىخىي رومانلارنى يېزىپ داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرى <روبېنزوننىڭ كەچۈرمىشلىرى> دە، كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلىنىش دەۋرىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھى مەدھىيىلەنگەن. يەنە <پاراخوت باشلىقى سىنگرتون>، <مۇر فراندىس>، <چوڭ ۋابا يىلىدىكى خاتىرە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.