Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇلغارىيە ئىنقىلابى مەركىزىي كومىتېتى
دائىرە: دۇنيا تارىخىⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى. لېۋىسكىي بىلەن ليوبىن كاراۋىلوۋ تەرىپىدىن 1870-يىلى بۇخارىستتا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىنقىلابىي دېموكراتچىلار ۋە ئىنقىلابچىلار بىلەن لېبىراللار ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ تۇرغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان. ئۇلار ئىنقىلاب ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق بۇلغارىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1875-يىلى 9-ئايدا، زاگورادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ كەتكەچكە كۆپلىگەن ئەزالار يڭى مەركىزىي كومىتېتقا قاتناشقان. 1876-يىلغا كەلگەندە ئەسلىدىكى تەشكىلات ئىسمى بار، جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.