Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇلغارىيە مەخپىي مەركىزىي ئىنقىلابىي كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
1885-يىلى 2-ئايدا، پىلوۋدىۋاتا قۇرۇلغان، جەنۇبىي بۇلغارىيىدىكى مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلغان تەشكىلات. دەسلەپتە ماكېدونىيە مەخپىي ئىنقىلابىي كومىتېتى دەپ ئاتىلىپ، شۇ يىلى 5-ئايدا ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن. رەھبىرى ستويانوۋ. خەلقنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قوزغاپ، ماكېدونىيە ۋە شەرقىي رۇمېلىيىنى ئازاد قىلىپ، بۇلغارىيە كىنەزلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان. كېيىن رەھبەرلىك ھوقۇقى بۇرژۇئازىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغان. ئۇلار، قوراللىق كۈچكە تايانغاندا ماكېدونىيىنى ئازاد قىلىش مۇمكىن ئەمەس، نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي رۇمېلىيە بىلەن بۇلغارىيە كىنەزلىكىنىڭ بىرلىشىشىنى ھەل قىلىش كېرەك، دەپ قاراپ، خەلقنى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قوزغاش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇ يىلى 9-ئايدا ئارمىيىنىڭ قوللىشى ئاستىا بىرلەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشقان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كومىتېتنىڭ پائالىيىتىمۇ ئاياغلاشقان.