Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۇلغارىيە ئىنقىلابى مەركىزىي كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
保加利亚革命中央委员会
bǎo jiā lì yà gé mìng zhōng yāng wěi yuán huì
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى بۇلغارىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى. لېۋىسكىي بىلەن ليوبىن كاراۋىلوۋ تەرىپىدىن 1870-يىلى بۇخارىستتا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئىنقىلابىي دېموكراتچىلار ۋە ئىنقىلابچىلار بىلەن لېبىراللار ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ تۇرغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان. ئۇلار ئىنقىلاب ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق بۇلغارىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىنى ئازاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1875-يىلى 9-ئايدا، زاگورادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تۈركىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ كەتكەچكە كۆپلىگەن ئەزالار يڭى مەركىزىي كومىتېتقا قاتناشقان. 1876-يىلغا كەلگەندە ئەسلىدىكى تەشكىلات ئىسمى بار، جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.