Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇلغارىيىدىكى سېنتەبر قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى(1) بۇلغارىيە خەلقىنىڭ 1923-يىلى سېنتەبردىكى فاشىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. 1923-يىلى تىسانكوۋ (1879 - 1959) نىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، 23-سېنتەبر كۈنى، بۇلغارىيە خەلقى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭ پۈتۈن مەمللىكەتنى قاپلىغان ھەمدە ۋىراتسا، رازروگ قاتارلىق جايلاردا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قوزغلاڭ باستۇرۇلۇپ، تەخمىنەن 20 مىڭدەك ئادەم پاجىئەلىك تۈردە ئۆلتۈرۈلگەن. (2) بۇلغارىيە خەلقىنىڭ 1944-يىلى 9-ئايدا گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭچى قوشۇن ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ (يەنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ) رەھبەرلىكىدە، نۇرغۇنلىغان رايونلارنى ئازاد قىلغان. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى پايتەخت سوفىيەگە كىرىپ، فاشىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋەتەن فرونتى ھۆكۈمىتىنى قۇرغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.