Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇلغارىيە دېھقانلار ئىتتىپاقى
دائىرە: دۇنيا تارىخىبۇلغارىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرىنىڭ سىياسىي پارتىىسى. 1898-يىلى ئېئوردا پېكارېۋنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان. 1899-يىلى 12-ئايدا پلېۋېندا رەسمىي قۇرۇلغان. 1901-يىلى ئىتتىپاقنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئىتتىپاقنى پارتىيىگە ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنىڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي زۇلمىغا ۋە ئىقتىسادىي ئېكسىپلاتاتسىيىسىگە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۈزۈل - كېسىل بولغان دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى قارار قىلغان. كېيىن، ئىتتىپاقنىڭ داھىيلىرى مۇستەقىل دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت خاتا شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئىشچىلار بىلەن بىرلىشەلمەي، بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ 1919-يلىنىڭ ئاخىرىدىن 1920-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.