Uyghurئاساسىي لۇغەت
بلانكى
مەشھۇر شەخسلەر
ئېنگېلس ئۇنى «ئەمەلىي ئىشلىگۈچى» دەپ ئاتىغان، ماركس «پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنىڭ ھەقىقىي داھىيسى»، «ئېزىلگۈچى سىنىپنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان ئىلغار سىياسىي جەڭچى ۋە يازغۇچى» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ دەل فرانسىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى، پرولېتارىياتنىڭ قەيسەر جەڭچىسى لۇئى ئاۋگۇست بلانكىدۇر.
بلانكى (1805 −1881 - يىللار) فرانسىيىنىڭ پومورىيە ئۆلكىسىنىڭ پۇگۇتون ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كاپىتالىزمغا نەپرەتلىنىپ، سوتسىيالىزمغا ئىنتىلىپ، پەقەت ئىنقىلاب ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا كونا تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. «تۆت پەسىل جەمئىيىتى»
قاتارلىق مەخپىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، لېكىن ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا تايانغانلىقى، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قوزغىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. ئۇ ئىنقىلاب بىلەن شۇغۇللانغان50 يىلدا توققۇز قېتىم قولغا ئېلىنىپ، ئىككى قېتىم ئۆلۈم جازاسى (كېيىن قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن)غا ھۆكۈم قىلىنغان،33 يىلنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ تۈرمىنى يېڭى جەڭگاھ دەپ بىلىپ، ناچار شارائىتتىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كىتاب يېزىپ تەلىمات يارىتىپ، بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىنقىلاب ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان؛ كامېرداشلىرىنى كۈرەشكە تەشكىللىگەن؛ ھەر قېتىم تۈرمىدىن چىقىپلا قورال كۈچى ئارقىلىق ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەينى چاغدا فرانسىيىدىكى چوڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئىزناسى قالغان. گەرچە بلانكى ئاز سانلىق كىشىلەرگە تايىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلاپ كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن باشتىن - ئاخىر بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيتتى. شۇڭا، ئۇ ئىشچىلار ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغاپ، كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.1871 - يىلى پارىژ كوممۇناسى قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئۇ تۈرمىدە بولسىمۇ، قوزغىلاڭچىلار ئۇنى يەنىلا كوممۇنانىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەن. پارىژ كوممۇناسى تۇتقۇن قىلىنغان پارىژنىڭ ئارخېئېپىسكوپى قاتارلىق70 مۇھىم ئەربابنى قويۇپ بېرىشتەك زور بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇپ، تۇتقۇنلارغا بلانكىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى رەت قىلغان. ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت بلانكىنىڭ تەسىرىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ رولى بىرەر مۇنتىزىم قوشۇننىڭ رولىدىن قېلىشمايدۇ، دەپ قارىغان.1880
- يىلى،76 ياشلىق بلانكى بىر قېتىملىق ئىشچىلار يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، ناھايىتى تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىگەن، تۈن يېرىمىدا ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز سەكتە بولۇپ قېلىپ ۋاپات بولغان. بۇ خەۋەر پۈتۈن مەملىكەتنى قاتتىق لەرزىگە سالغان، ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىشقا200 مىڭدەك ئادەم چىققان. بلانكى ھاياتىنى خۇددى ئۆزى ئېيتىپ ئۆتكەندەك «ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىش، ھېچنېمىگە قارىماي كۈرەش قىلىش، ئاخىرقى تىنىقىغىچە كۈرەش قىلىش» بىلەن ئۆتكەن ھاياتتۇر.
دۇنيا تارىخى
(1805 - 1881) فرانسىيىلىك ئىنقىلابچى، خىيالىي كوممۇنىزمچى. ئالپ دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىدە بىر كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا پارىژدا قانۇن ۋ دوختۇرلۇق سىنىپىدا ئوقۇغان. ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، قولغا ئېلىنغان. 30-يىللاردىن باشلاپ بۇ ئوناروتتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەدرىجىي ئۆزىگە خاس كۆز قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن جەمەت ئۇيۇشمىسى (1835)، تۆت پەسىل ئۇيۇشمىسى (1837) قاتارىق مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى قۇرغان.1839-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تۆت پەسىل ئۇيۇشمىسى ئېلىپ بارغان پارىژ قوزغىلىڭى بلانكىچىلارنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنىڭ تىپى ھېسابلىنىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. 1848-يىلى ئىنقىلاب مەزگىلىدە مەركىزىي جۇمھۇرىيەت ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قولغا ئېلىنغان. 1870-يىلى پروسىيە - فرانسىيە ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قولغا ئېلىنغان. 1870-يىلى پروسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، <تۆتىنچى سېنتەبر> ئىنقىلابىغا قاتانشقان. 31-ئۆكتەبردىكى ۋە 1871-يىل 1-ئاينڭ 22-كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، يەنى پارىژ كوممۇنىسى قوزغىلىڭىنىڭ ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغان. 1879-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغانلىقتىن قويۇپ بېرىلگەندە، سوتسىيالىزم تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. 1881-يىلى يېڭى يىلدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ۋاپات بولغان. ئۇ، ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، 33 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەچكە، <ئىنقىلابىي مەھبۇس> دەپ ئاتالغان. ئۇ، ماتېرىيالىزم ۋە ئاتېئىزم نەزەرىيىسى ئارقىلىق دىن بىلەن نورمىنالىزمنى تەنقىد قىلغان، لېكىن ئۇ يەنە تارىخىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى ئىدراك، ئىرادە، ئىدىيە ۋە تەجرىبىلەر تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدۇ، تەربىيە بولسا ئاساسلىق ئىلگىرىلەتكۈچى كۈچ، دەپ ھېسابلىغان. ئىنسانىيەت تارىخىنى ئەمگەك تەقسىماتىنى چەك قىلىپ تۇرۇپ ئىككى باسقۇچقا بۆلگەن، ئەخلاق ۋە ئىدراك كۆز قارىشىنى چىقىش قىلىپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى تەنقىدلىگەن؛ ئالدى بىلەن سىياسىي ئىنقىلابنى ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان؛ مەخپىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ئارقىلىق قوراللىق قوزغىلاڭ ئېلىپ بېرىش، ئاز سانلىق ئىنقىلابچىلار دىكتاتۇرىسىنى تىكلەش ئارقىلىق كونا ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرغا قەتىئىي زەربە بېرىپ، يېڭى جەمئىيەت قۇرۇش لازىم، دېگەننى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ <ئىجتىمائىي تەنقىد>، <قوراللىق قوزغىلاڭ قىبلىنامىسى>، <ۋەتەن خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا> قاتارلىق مۇھىم ئەسەلىرى بار.
دۇنيا تارىخى
فرانسۇزچە Phalange نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، يۇنان تىلىدىن كەلگەن. ئەسلى ئېغىر قوراللانغان پىيادىلەر قوشۇنىنىڭ ئەترەت شەكلىنى بىلدۈرىدۇ. ⅩⅨ ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ خىيالىي سوتسىيالىستى فوربي ئويلاپ چىققان غايىۋى جەمئىيەتنىڭ (<ئىناقلىق تۈزۈمىنىڭ>) ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى. ئۇنىڭ <پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىناقلىقى>، <تۆت خىل ھەرىكەت توغرىسىدا>، <ئالەمنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا> ۋە <ئىقتىسادىي ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى يېڭى دۇنيا> قاتارلىق كىتابلىرىدا غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدىكى لايىھىسىنى ئىزچىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان، پالانىگېدىى ھەممە ئادەمنىڭ ئەمگەككە قاتنىشىشى، <يەتتە تۈرلۈك ئەمگەك> (سانائەت، يېزا ئىگىلىك، سودا، ئائىلە ئىشلىرى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە سەنئەت) بويىچە مۇكەممەل بىر سىستېما شەكىللەندۈرۈشنى؛ نورمالنىي كۆلەمدىكى 1620 ئادەم بولۇشىنى، مىجەزىگە قاراپ ئىش تەقسىم قىلىشىنى؛ رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولغان باھالاش يىغىنىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى، لېكىن زورلۇق كۈچ بولماسلىقىنى، 95.2 كۋادىرات كىلومېتىريەر ئىگىلەپ، ئەزالارنىڭ جامائەت ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەر (فرانسۇزچە <فالانستېرى>) دە ئولتۇرۇشى كېرەكلىكى؛ پاي قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پاي سوممىسى يىغىشنى، ئەمگەكچىلەر ھەتتا كاپىتالىستلارمۇ پاي قوشۇشقا بولىدىغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ساقلاپ قېلىشنى، مەھسۇلاتنىڭ تەقسىماتىنى كاپىتال، ئەمگەك ۋە ئىقتىدار بويىچە بەلگىلەش، بۇنىدا ئەمگەك 5/12 نى، ئىقتىدار 3/12 نى، كاپىتال 4/12 ياكى 5/12 قىسمىنى ئىگىلەشنى تەشەببۇس قىلغان. فورېي تالاي قېتىم سىناق قىلىپ، سىناق خاراكتېرلىك ئورگانغا رەھبەرىك قىلىپ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتى <پالانستېي> ژورنىلى، <بلانكى> گېزىتى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدەك ئامېرىكىدا تەجرىبە قىلىپ، 40 بلانكى ياكى كۆچمەنلەر رايونى قۇرغان، لېكىن ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. فروبې تەسەۋۋۇرىدىكى بلانكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندىكى فرانسىيىدىكى ھەر خىل ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى لايىھىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تېخى يېتىلمىگەن كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرش ھالىتى ۋە يېتىلمىگەن سىنىپىي ھالەت ئاستىدا بارلىققا كەلگەن.