Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بلانكى
دۇنيا تارىخى
法郎吉
fǎ láng jí
فرانسۇزچە Phalange نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، يۇنان تىلىدىن كەلگەن. ئەسلى ئېغىر قوراللانغان پىيادىلەر قوشۇنىنىڭ ئەترەت شەكلىنى بىلدۈرىدۇ. ⅩⅨ ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ خىيالىي سوتسىيالىستى فوربي ئويلاپ چىققان غايىۋى جەمئىيەتنىڭ (<ئىناقلىق تۈزۈمىنىڭ>) ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى. ئۇنىڭ <پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىناقلىقى>، <تۆت خىل ھەرىكەت توغرىسىدا>، <ئالەمنىڭ بىرلىكى توغرىسىدا> ۋە <ئىقتىسادىي ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى يېڭى دۇنيا> قاتارلىق كىتابلىرىدا غايىۋى جەمئىيەت توغرىسىدىكى لايىھىسىنى ئىزچىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان، پالانىگېدىى ھەممە ئادەمنىڭ ئەمگەككە قاتنىشىشى، <يەتتە تۈرلۈك ئەمگەك> (سانائەت، يېزا ئىگىلىك، سودا، ئائىلە ئىشلىرى، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە سەنئەت) بويىچە مۇكەممەل بىر سىستېما شەكىللەندۈرۈشنى؛ نورمالنىي كۆلەمدىكى 1620 ئادەم بولۇشىنى، مىجەزىگە قاراپ ئىش تەقسىم قىلىشىنى؛ رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولغان باھالاش يىغىنىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى، لېكىن زورلۇق كۈچ بولماسلىقىنى، 95.2 كۋادىرات كىلومېتىريەر ئىگىلەپ، ئەزالارنىڭ جامائەت ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەر (فرانسۇزچە <فالانستېرى>) دە ئولتۇرۇشى كېرەكلىكى؛ پاي قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پاي سوممىسى يىغىشنى، ئەمگەكچىلەر ھەتتا كاپىتالىستلارمۇ پاي قوشۇشقا بولىدىغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ساقلاپ قېلىشنى، مەھسۇلاتنىڭ تەقسىماتىنى كاپىتال، ئەمگەك ۋە ئىقتىدار بويىچە بەلگىلەش، بۇنىدا ئەمگەك 5/12 نى، ئىقتىدار 3/12 نى، كاپىتال 4/12 ياكى 5/12 قىسمىنى ئىگىلەشنى تەشەببۇس قىلغان. فورېي تالاي قېتىم سىناق قىلىپ، سىناق خاراكتېرلىك ئورگانغا رەھبەرىك قىلىپ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتى <پالانستېي> ژورنىلى، <بلانكى> گېزىتى تەسىس قىلغان، شۇنىڭدەك ئامېرىكىدا تەجرىبە قىلىپ، 40 بلانكى ياكى كۆچمەنلەر رايونى قۇرغان، لېكىن ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان. فروبې تەسەۋۋۇرىدىكى بلانكى ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندىكى فرانسىيىدىكى ھەر خىل ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى لايىھىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تېخى يېتىلمىگەن كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرش ھالىتى ۋە يېتىلمىگەن سىنىپىي ھالەت ئاستىدا بارلىققا كەلگەن.
دۇنيا تارىخى
布朗基
bù lǎng jī
(1805 - 1881) فرانسىيىلىك ئىنقىلابچى، خىيالىي كوممۇنىزمچى. ئالپ دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكىدە بىر كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا پارىژدا قانۇن ۋ دوختۇرلۇق سىنىپىدا ئوقۇغان. ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، قولغا ئېلىنغان. 30-يىللاردىن باشلاپ بۇ ئوناروتتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەدرىجىي ئۆزىگە خاس كۆز قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن جەمەت ئۇيۇشمىسى (1835)، تۆت پەسىل ئۇيۇشمىسى (1837) قاتارىق مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنى قۇرغان.1839-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تۆت پەسىل ئۇيۇشمىسى ئېلىپ بارغان پارىژ قوزغىلىڭى بلانكىچىلارنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىنىڭ تىپى ھېسابلىنىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. 1848-يىلى ئىنقىلاب مەزگىلىدە مەركىزىي جۇمھۇرىيەت ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قولغا ئېلىنغان. 1870-يىلى پروسىيە - فرانسىيە ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قولغا ئېلىنغان. 1870-يىلى پروسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، <تۆتىنچى سېنتەبر> ئىنقىلابىغا قاتانشقان. 31-ئۆكتەبردىكى ۋە 1871-يىل 1-ئاينڭ 22-كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، يەنى پارىژ كوممۇنىسى قوزغىلىڭىنىڭ ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغان. 1879-يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغانلىقتىن قويۇپ بېرىلگەندە، سوتسىيالىزم تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. 1881-يىلى يېڭى يىلدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ۋاپات بولغان. ئۇ، ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، 33 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەچكە، <ئىنقىلابىي مەھبۇس> دەپ ئاتالغان. ئۇ، ماتېرىيالىزم ۋە ئاتېئىزم نەزەرىيىسى ئارقىلىق دىن بىلەن نورمىنالىزمنى تەنقىد قىلغان، لېكىن ئۇ يەنە تارىخىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى ئىدراك، ئىرادە، ئىدىيە ۋە تەجرىبىلەر تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدۇ، تەربىيە بولسا ئاساسلىق ئىلگىرىلەتكۈچى كۈچ، دەپ ھېسابلىغان. ئىنسانىيەت تارىخىنى ئەمگەك تەقسىماتىنى چەك قىلىپ تۇرۇپ ئىككى باسقۇچقا بۆلگەن، ئەخلاق ۋە ئىدراك كۆز قارىشىنى چىقىش قىلىپ، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى تەنقىدلىگەن؛ ئالدى بىلەن سىياسىي ئىنقىلابنى ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان؛ مەخپىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ئارقىلىق قوراللىق قوزغىلاڭ ئېلىپ بېرىش، ئاز سانلىق ئىنقىلابچىلار دىكتاتۇرىسىنى تىكلەش ئارقىلىق كونا ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرغا قەتىئىي زەربە بېرىپ، يېڭى جەمئىيەت قۇرۇش لازىم، دېگەننى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ <ئىجتىمائىي تەنقىد>، <قوراللىق قوزغىلاڭ قىبلىنامىسى>، <ۋەتەن خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا> قاتارلىق مۇھىم ئەسەلىرى بار.