Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بلانكىچىلار
دۇنيا تارىخى
布朗基派
bù lǎng jī pài
فرانسىيە بلانكى تەلىماتىنىڭ مۇرىتلىرى. 1871-يىلىدىكى پارىژ كوممۇنىسى ئەزالىرى ئىچىدىكى كۆپ سانلىقلار. ئىيۇل خاندانلىقى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن. ئىككىنچى ئىمپېرىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بولۇپمۇ 1870-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن تەسىرى كۈنسېرى كېڭەيگەن. ئۇنىڭ ئەزالىرى پارىژ كوممۇنىسى ئەزالىرى ئىچىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئىگىلىگەن. ھەربىي ئىشلار، ساقچى، ئامانلىق، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان. ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش، خائىنلارنى تازىلاش، ۋېرسالنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىنتايىن زور رول ئوينىغان. كومۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋايان باشچىلىقىدىكى بلانكىچىلار بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان ھەمدە ماركسنىڭ ھۆكۈمەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللىغان. كېيىن، ئىنتېرناتسىئونالدىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە لونداندا ئىنقىلابىي كوممۇنا تەشكىل قىلغان. 1881-يىلى ۋايان ۋە ئىئودېسنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىنقىلابىي كوممۇنانى مەركىزىي ئىنقىلابىي سوتسىيالىزم پارتىىسىگە ئۆزگەرتكەن؛ 1901-يىلى گېدچىلار بىلەن فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1905-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىى بىلەن بىرلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى (يەنى ئىشچلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى) نى قۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بلانكىچىلارنىڭ داھىيىسى شۇۋىنىزملىق مەيداندا تۇرغان. 1915-يىلى ۋايان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەزكور مەزەھەپ يوقالغان <بلانكى> گە قارالسۇن.