Uyghurئاساسىي لۇغەت
بلۇم
دۇنيا تارىخى
(1872 - 1950) فرانسىيە زۇڭلىسى (1936 - 1937، 1938 - 1947). فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات داھىيىسى. بۇرژۇئا ئائىلسىدىن كېلىپ چىققان. بۇرۇنلا ئەدەبىي تەتقىقاتىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن سوتسىيالىستىك ھەرىكەتكە قانتاشقان. 1899-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1914 - 1916-يىللىرى جامائەت قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1919-يىلى پارلامېنت ئازالىقىغا سايلانغان. 1920-يىلى تېر قۇرۇلتىيىدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتىئونالغا قاتنىشىشقا قارشى چىقىپ، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە (خەلق گېزىتى< نىڭ باشلىقى بولغان ئىككى قېتىم >خەلق فرونتى< نامى بىلەن ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. لېكىن >خەلق فرونتى< نىڭ پروگراممىسىن ئەستايىدىل ئىجرا قىلىمىغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مزگىلىدە، ئاتالمىش >ئارىلاشماسلىق< سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فرانسىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، قولغا ئېلىنغان. 1943 - 1945-يىللىرى گېرمانىيىدە تۈرمىدە ياتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى تەرىپىدىن قويۇۋېتىلگەن. 1946-يىلى ئەلچى بولۇپ ئامېرىكىغا چىققان. سىرتقا نىسبەتەن ئامېرىكاپەرەسلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشنى، ئىچكى قىسىمدا كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئوڭ قاناتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچىنچى خىل كۈچنى تۇرغۇزۇشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇ يىلى قىسقا ۋاقىت زۇڭلى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. >بولشېۋىزم ۋە سوتسىيالىزم< >ئىنسانىيەت دائىرى ئىچىدە< قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.