Uyghurئاساسىي لۇغەت
بلومبېرگ
دۇنيا تارىخى
(1878 - 1946) فاشىست گېرمانىيىسى قۇرۇقلۇق ئارميە مارشالى. 1927-يىلى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1929-يىلى شەرقىي پرۇسسىيە ھەربىي رايوننىڭ قوماندانى بولغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1935-يىلى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. گىتلېرنىڭ مەقسىتى بويىچە ئاۋسترىيە، چىخوسلوۋاكىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى ھەربىي پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان. 1936-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ مارشاللىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1938-يىلى خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. 1946-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن نيۇرنېبېرگتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلگەن.