Uyghurئاساسىي لۇغەت
برېنتانوچىلىق
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىرنى 70 - 90 يىللىرىدىكى گېرمانىيە بۇرژۇئا - چاكىنا ئىقتىسادشۇناسى برېنتانو (1844 - 1931) ۋەكىللىكىدىكى ئىسلاھاتچىلىق تەلىماتى. بۇ تەلىمات دۆلەت - سىنىپتىن ھالقىغان تەشكىلات. ئۇ سىنىپىي زىددىيەتلەرنى كېلىشتۈرەلەيدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان. كاپىتالىزم تۈزۈمىدە دۆلەت <ئىجتىمائىي سىياسەت> نى يولغا قويۇش، زاۋۇت - فابرىكىلارنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش، خىزمەت كۈنىنى قىسقارتىش، ئىجتىمائىي خەۋپسىزلەندۈرۈشى يولغا قويۇش، باج نىسبىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىسلاھاتچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي <باراۋەرلىك> ۋە سىنىپىي <تىنچلىق> نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لېنىن ئۇنى بىر تۈرلۈك <پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلاب قىلمايدىغان >سىنىپىي< دەپ ئاتىغان («لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى»، 3-توم. خەلق نەشرىياتىنىڭ 1960-يىللىق خەنزۇچە نەشرى. 616-بەت).