كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۈرۈش: ئارىش ئارقاغ - ئۈرۈش - ئارقاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماڭغاندا پۇتنىڭ ھەر بىر ئاتىلىشى.
يولىنى كۆرۈپ قەدەم باس. كېچكىپ قەدەم تاشلىغان قەدەم تاشلىمغاندىن ئەلا. ئىككى قەدەم ئارتقا، بىر قەدەم ئالغا. ئىككى چامدام مېڭىپ بىر توختىغان مەنزىلگە كەچ بارىدۇ. پۇتى قىسقىنىڭ ماڭدىمى قىسقا. ھايات بىلەن ماماتنىڭ ئارىلىقى بىر ئاتىم.
شىۋىلەر
ئاچال، يولنىڭ، سۇنىڭ ئىككىگە ئايرىلغان يېرى. مەسىلەن: يول ئارىش.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىئۇرۇش ~ ئارىش.
« ئارىش ئارقا _ ئۇرۇش - ئارقا» دەپ قوللىنىلىدۇ.
1 - 83
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەرمىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى مەمۇرىي رايونىنىڭ مەركىزى، سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزىي. شەھەر ئاھالىسى 35 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئارىش سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھىرى. بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000 - يىلدىن تارتىپ سېلىنغان بولۇپ، تارىختا مۇھىم ھەربىي ئورۇن بولغان. مىسىرنىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاشلا ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق تاجاۋۇزچىلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1967 - يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، كېيىن مىسىر خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ئارقىسىدا ئىسرائىلىيە بۇ شەھەردىن چېكىنىپ چىققان. 1967 - يىلى 6 - ئايدا ئىسرائىلىيە 3 - قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا قايتا ئىگىلەپ ئالغان. 1973 - يىلى 10 - ئايدا مىسىر خەلقى ئىسرائىلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلىدى. ئارىش مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 1974-، 1975 - يىللاردا بولغان ئىككى قېتىملىق كېلىشىمىگە ئاساسەن مىسىر ھۆكۈمىتىگە تەدرىجىي قايتۇرۇپ بېرىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ مىسىر ھۆكۈمىتى ئارىش شەھىرىنى قايتا قۇرۇشقا باشلىدى. پىلان بويىچە بۇ جايدا نۇرغۇن سانائەت ئورۇنلىرى، ئاھالە تۇرار جايلىرى ۋە باشقا جامائەت ئورۇنلىرى قۇرۇلدى. شەھەرنىڭ ھەممە جايلىرى ئېلېكترلەشتۈرۈلدى. شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق ئىشلەپچقىرىشىدىمۇ يېڭى يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى ئارىش سىناينىڭ يېڭى سانائەت، مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى.
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىتازا، پاكىز، پاك
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى