UyghurMain Dictionary
ئارىستىپپوس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇن 435 - 360) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، كىرېنا ئىلمىي ئېقىمى (يەنە بىر تەرجىمىسى «پىكىر قىلىشتىن خۇشاللىنىش ئېقىمى») غا ئاساس سالغۇچى. كىرېنا (شىمالىي ئافرىقا) دا تۇغۇلغان. سوكراتنىڭ نامىغا ھەۋەس قىلىپ، ئافىناغا كېلىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتقان. پروتاگوراسنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان. كېيىن جايلاردا دەرس ئۆتۈپ، ئېگىنا ۋە سىراكۇ ئوردىسى قاتارلىق جايلارغا بارغان؛ ئاخىر يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىلمىي ئېقىم تەشكىللىگەن. شەيئىلەر ئوبيېكتىپ مەۋجۇت، كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسى سۇبيېكتىپ بولىدۇ، شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلەلمەيدۇ، دەپ ھېسابلىغان. خۇشاللىق - كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى، لېكىن ھېچنېمىگە قارىماستىن راھەت - پاراغەت قوغلىشىشقىمۇ بولمايدۇ، بۇ مەقسەتكە ئاقىلانىلىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېتىش كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. «خۇشاللىق تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنماستىن، خۇشاللىق ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش كېرەك» دېگەننى تەكىتلىگەن ھەمدە بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسىتى بولغان كىشىلا خۇشاللىق ئۈستىدە ھەقىقىي گەپ ئاچالايدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەلىماتى سوكراتنىڭ نۇقتىئىنەزەرى (خۇشاللىقنى ئەخلاق دەپ بىلىش) گە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بۇ تەلىماتنى ئىزاھلىشىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. ئانتىپات، ئاننىكېر، ھېگېسىيە قاتارلىقلار بۇ ئېقىمغا ۋارىسلىق قىلغان. قىزى ئارېتېمۇ دادا كەسپىنى داۋاملاشتۇرغان.