UyghurMain Dictionary
ئارىستارك
دۇنيا تارىخى
(1) (مىلادىدىن تەخمىنەن 310 - 230 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى يۇنان ئاسترونومى، ماتېماتىكى. ساموس ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىدا) دا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ «قۇياش بىلەن ئاينىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئارىلىقى» دېگەن بىر پارچىلا ئەسىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، يەر شارى ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ ۋە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، دېگەن قىياسنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئاي يېڭى تۇغۇلغان چاغدا قۇياش بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇلۇك ئارىلىقى 87 گرادۇس بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلىپ، ئاي بىلەن يەر ئارىلىقى ۋە قۇياش بىلەن يەر ئارىلىقىنىڭ نىسبىتى 1: 18 - 1: 20 بولىدۇ، دەپ ھېسابلاپ چىققان. يەكۈنى توغرا بولمىسىمۇ، لېكىن قائىدىسى ئاددىي ۋە ئېنىق بولغاچقا، بۇ قائىدە 1000 نەچچە يىل قوللىنىلغان. «قۇياش مەركەز تەلىماتى» ئۇنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى بولۇپ، قۇياش ۋە تۇرغۇن يۇلتۇزلار ھەرىكەتلەنمەيدۇ، يەر شارى ۋە باشقا سەييارىلەر يۇمىلاق شەكىلدىكى ئوربېتا بويىچە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ، قۇياشنى سەييارىلەر سىستېمىسىنىڭ مەركىزى قىلغاندا، بارلىق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قىياس ئاسترونومىيە تارىخىدىكى بىر مۇھىم كەشپىيات بولۇپ، كېيىنكى دەۋردىكى كوپېرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» نىڭ پېشۋاسى بولغان. (2) (مىلادىدىن تەخمىنەن 217 - 145 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى يۇناننىڭ تارىخىي ماتېرىيالشۇناسى. سامۇتراس ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىدا) دا تۇغۇلغان. مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى ئارىستوفان (ۋىزانتىيىلىك ئارىستوفان) ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇغان. كېيىن ئۇمۇ بۇ جايدا گرامماتىكا ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدى مەكتىپىنى ئاچقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. سىپروستا ئۆلۈپ كەتكەن. تىل - گرامماتىكىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلغان ھەمدە گومېر، پىندار، ئېسىكوروس، ئارىستوفان، ھېرودوت ۋە باشقا مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان ياكى ئىزاھلىغان. ئىشەنچىلىك نۇسخىلىرىنى بېكىتىپ بەرگەن؛ بولۇپمۇ گومېر داستانىنى رەتلەش بىلەن مەشھۇر، ئۇ تۈرلەرگە ئايرىپ چىققان «ئىليادا» ۋە «ئودېسسا» نىڭ 24 توملۇق نۇسخىلىرى ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا. ئۇ ۋە شاگىرتى دىئونىس تراكس قاتارلىقلار گرامماتىكا تەتقىقاتى ۋە قەدىمكى تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا خېلى تۆھپە قوشقان.