UyghurMain Dictionary
ئارىستوفان
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن تەخمىنەن 446 - 385 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى يۇناننىڭ كومېدىيە يازغۇچىسى. «كومېدىيىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. ئافىنا پۇقراسى بولۇپ، كىداتىنائون جامائەسىگە قاراشلىق بولغان. ئاتىسى فىلىپنىڭ ئاگېنا ئارىلىدا يەر - مۈلكى بولغان. ئارىستوفان ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، ئەپلاتون بىلەن دوست ئىدى. ئۇ ئافىنا بىلەن سپارتا ئوتتۇرىسىدىكى پېلوپوننېس ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ، ئافېنادىكى ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى ئەيىبلىگەن ھەمدە رادىكال كلېئوننىڭ ھۇجۇمىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. كلېئون ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنى پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماقچى بولۇپ ئىشقا ئاشۇرالمىغان. ئەسەرلىرىدە سوكرات ۋە ئېۋرىيىد (تراگېدىيە يازغۇچىلىرى) لارنى تەنقىد قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ 44 كومېدىيە يازغان بولۇپ، «ئاخارنىيىلىكلەر»، «رىتسار»، «تىنچلىق»، «بۇلۇت»، «قۇشلار»، «پاقا»، «بايلىق تەڭرىسى» قاتارلىق 11 پارچىسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. ئافىنانىڭ گۈللىنىشتىن زاۋالغا يۈز تۇتقىچە بولغان دەۋرىدە، ئۇ شەھەر دۆلەتلىرى تۈزۈمى شەكىلىگە، پۇقرالار ئەخلاقىنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىگە قاتتىق نارازى بولغان. كومېدىيىلىرىدە ھەجۋىي ئۇسۇلنى قوللىنىپ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەر خىل نامۇۋاپىقى ھادىسىلەرنى پاش قىلىپ ۋە ئەيىبلەپ، بۇرۇنقى تراگېدىيە يازغۇچىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەجەللىك يېرىگە تەگكۈزگەن. مەسىلەن، «ئاخارنىيىلىكلەر»، «رىتسار»، «تىنچلىق»، «لىسسىتراتا» ۋە « ھەرە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە دېھقانلارنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىپ يېزىغا قايتىشىغا تەشنا بولغان ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن؛ يۇناندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ خەلقنى ئەخمەق قىلغانلىقىغا نەپرەتلەنگەن. ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەسەرلىرى، مەسىلەن، «ئايال پۇقرالار كېڭىشى ۋە «بايلىق تەڭرىسى » دە مال - مۈلۈكنىڭ تەكشى بولماسلىقىغا قارشى تۇرغان ھەمدە كەمبەغەللەر بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان. «ئىسسىتراتا» ۋە «ئايال پۇقرالار كېڭىشى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئارىستوفان «كۈچلۈك خاھىشچانلىققا ئىگە شائىر» (ئېنگېلسنىڭ سۆزى). ئۇنىڭ كومېدىيىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا ئەركىنلىك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ساتىرالىرى قىزىقارلىق، تىلى پىششىق، گۈزەل بولۇپ، لىرىكىلىق شېئىرلاردەك ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. ئۇ كېيىنكى دەۋردىكى كومېدىيە يازغۇچىلىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ - ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ - ئەسىرگىچە بولغان يۇنان جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.