UyghurMain Dictionary
ئارىغا سوغۇقچىلىق سالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرمەك، بۇزماق.
ئارىنى بۇزماق. ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالماق _ دوستلۇق - ئىتتىپاقلىقنى يامانلاشتۇرماق. ئويۇن - چاقچاق تۈپەيلى، ئۆزئارا بىئەق بولۇپ قالسا، ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە، ئارىمىزغا ئوت ياقتى. بىر ياخشى ئۆتۈۋاتاتتوق، ئۇ كېلىپ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىپ قويدى. ئارىغا تەپرىقە سالىدىغاننى ئارىغا ئالما. ئۇ دۈشمەنلىك قىلىپ، ئارىمىزغا قىچا چاچتى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرمەك، ئاداۋەت پەيدا قىلماق، بۆلگۈنچىلىك قىلماق: بىر ئوبدان ئۆتۈۋاتتۇق. ئۇ كېلىپ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىپ قويدى.