UyghurMain Dictionary
خاممۇرابى
مەشھۇر شەخسلەر
پارىژدىكى لۇف مۇزېيىغا ئۈچ پارچە قارا بازالىتتىن بىرىكتۈرۈپ ياسالغان بىر تاش تۈۋرۈك قويۇلغان، تاش تۈۋرۈكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا قۇياش ئىلاھى بىلەن ھەققانىيەت ئىلاھىنىڭ خاممۇرابىغا ھوقۇق كالتىكىنى بېرىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى ئويۇلغان، تۆۋەنكى قىسمىدا شىنىسىمان ئويما يېزىق بولۇپ، بۇ دەل دۇنياغا مەشھۇر »خاممۇرابى قانۇنى«دۇر. بۇ قانۇننىڭ تۈزۈلۈشى خاممۇرابىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.
خاممۇرابى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى1792 −1750 - يىللار) قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ6 - ئەۋلاد پادىشاھى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشتىن ئىلگىرى، قەدىمكى بابىلون بىردەم بۇ دۆلەتكە، بىردەم ئۇ دۆلەتكە بېقىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان كىچىك دۆلەت ئىدى. خاممۇرابى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يىراقتىكىسى بىلەن دوستلىشىش، يېقىندىكىسىگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئىسسىن، لارسا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرغان، تىگرىس دەريا ۋادىسى بىلەن يېۋفرات دەريا ۋادىسى (قىسقارتىلىپ ئىككى دەريا ۋادىسى دېيىلىدۇ)نى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارس قولتۇقىدىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قىرغىقىغىچە بولغان زېمىندا ھوقۇق مەركەزلەشكەن قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان. بابىلون ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان.
خاممۇرابى قۇلدارلار سىنىپىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ۋە قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان. ئۇ تەختكە ئولتۇرۇپ كېيىنكى يىلىدىن باشلاپ مەشھۇر »خاممۇرابى قانۇنى«نى تۈزۈشكە كىرىشكەن. بۇ قانۇن كىرىش سۆز، تېكىست ۋە خاتىمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،282 ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدا قەدىمكى بابىلوندىكى ئىجتىمائىي، سىنىپىي مۇناسىۋەت، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئورتاق قائىدىسى، ئائىلە، نىكاھ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار قانۇن شەكلى ئارقىلىق تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، قەدىمكى بابىلوننىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئالايلۇق، قانۇننىڭ199 -،247 - ماددىلىرىدا: »قۇللارنى ئۇرۇپ كۆزىنى كور قىلىپ قويغانلار كالىنى ئۇرۇپ كۆزىنى كور قىلىپ قويغانلارغا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ« دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى يولغا قويغان قۇلدارلار دىكتاتورىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
خاممۇرابى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1750 - يىلى ۋاپات بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ قۇرۇپ چىققان قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىمۇ يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ قانۇنىمۇ بارا - بارا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن.1901 - يىلىغا كەلگەندە، فرانسىيە ئارخېئولوگلىرى ئىران چېگرىسىدىكى قەدىمكى ئېلامنىڭ پايتەختى سۇزا دېگەن يەردىن خاممۇرابى قانۇنى ئويۇلغان بازالىت تاش تۈۋرۈكنى قېزىۋالغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بۇ قانۇن كىشىلەر بىلەن قايتىدىن يۈز كۆرۈشكەن.
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 1750) مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى قەدىمكى بابىلونىيە پادىشاھلىقىنىڭ 6 - ئەۋلاد پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى1792 - 1750). تەختتىكى مەزگىلىدە ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئىسىن، ئۇرۇك، لارسا ۋە مارى قاتارلىق شەھەرلەنى كەينى - كەينىدىن بويسۇندۇرۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىنى باشقىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەدلىيە، مەمۇرىي، ھەربىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان. ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن نارخاممۇرابى سۇغىرىش ئۆستىڭىنى قازدۇرغان. خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق ۋە قۇلدارلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، داڭلىق خاممۇرابى <قانۇنلىرى> نى ئېلان قىلغان. بۇ قانۇنلار شىناسمان يېزىق بىلەن قارابازالت تاش تۈۋرۈككە (تۈۋرۈكنىڭ ئىگىزلىكى25.2 مېتىر، ئۈستىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 56.1 مېتىر، ئاستىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 90.1 مېتىر) ئويۇلغان بولغاچقا، <تاش تۈۋرۈكقانۇنلىرى> دەپمۇ ئاتالغان. <خاممۇرابى قانۇنلىرى> تاش تۈۋرۈكى 1901 - يىلى فرانسىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەرىپىدىن ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەدىمىي شەھەر سۇستاتېپىلغان بولۇپ، ھازىر پارىژدىكى لۇۋرى مۇزېيىدا ساقلانماقتا. تاش تۈۋرۈكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا قۇياش تەڭرىسى شاماشنىڭ سەۋلىجانى بىلەن خاممۇرابىنىڭ قاپارتما سۈرىتى بار. <خاممۇرابى قانۇنلىرى> كىرىش، تېكست، خاتىمىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. خاممۇرابى <ئادالەت تۇرغۇزۇش> ئۈچۈن بۇ قانۇنلارنى تۈزدۈم، ئۇ مەڭگۈ تۇرسۇن، كىمكى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىكەن ياكى خىلاپلىق قىلىدىكەن، تەڭرىنىڭ قارغىشىغا قالغاي، دېگەن تېكىستنى تەرتىپكە سېلىپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 282 ماددا بولۇپ، شىكايەت قىلىش رەسمىيىتى، ئوغرىلىقنى بىر تەرەپ قىلىش، يەرنى ئىجارىگە بېرىش - كىشى ياللاش، سودا - جازانىخورلۇق، قەرز بېرىش - قەرز ئېلىش، نىكاھ،مىراس ۋە قۇللارغا دائىر مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. <خاممۇرابى قانۇنلىرى> كىشىلىك تارىخىدىكى تۇنجى رەسمىي يېزىق شەكلىدەپۈتۈلگەن مۇكەممەل قانۇن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ قەدىمكى بابىلون جەمئىيىتى تارىخىنى ئۆگىنىش - تەتقىق قىلىشتىكى بىرىنچى قول ماتىرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.