UyghurMain Dictionary
خامۇت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بوغا (ئاتنىڭ)؛ ھارۋىغا قوشۇلغان ئات.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھارۋىغا قوشۇلىدىغان ئاتنىڭ بوينىغا كىيدۈرۈلىدىغان سايمان.
بىر ئاتقا ئىككى خامۇت كىيدۈرمەس. خاۋەن بويۇنغا قاراپ بولىدۇ.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ئاتنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان ھارۋا جابدۇقى ( بوغا ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ھارۋىغا قوشۇلغان ئاتنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان، ئىككى ياندىن ھارۋا شوتىسى ئۇچىغا باغلىنىدىغان ياغاچ بۇيۇم، جاۋەن.
ئۇ ئاتلىرىغا ئالدىرىماي خامۇت كىيدۈرۈپ، ھارۋىسىنى قوشتى.