UyghurMain Dictionary
رىم ئىمپرىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش تارىخى
Domain: دۇنيا تارىخىغەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى داڭلىق ئەسەر. ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس گېببون يازغان. جەمئىي 71 باب، ئالتە توم بولۇپ، 1776 - 1788-يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىنغان. ئومۇمەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى تومدىن تۆتىنچى تومغىچە بىرىنچى قىسىم بولۇپ، ئاساسەن، مىلادى 801-يىلدىن 641-يىلغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. بەشىنچى، ئالتىنچى تومى ئىكىنچى قىسىم بولۇپ، مىلادى 641 - 1453-يىللىرى ئوسمان تۈركلىرىنىڭ كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلىشى ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيسىنىڭ يوقىلىش دەۋرىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان. بۇ مەزمۇنى مول ئومۇمىي تارىخ ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى تارىخنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەسەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى پۇختا، تەرتىپنى ئېنىق قىلىپ تۈزۈپ، ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلغان. ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى نەپىس، ۋەقەلىكنى بايان قىلىشى جانلىق ۋە توغرا، مۇھاكىمىسى دەل جايىدا بلغان. لېكىن مەزمۇنى سىياسىي - ھەربىي ئىشلار تارىخى بىلەنلا چەكلىنپ قېلپ، غەرب ئەنئەنىۋى تارىخشۇناسلىقىنىڭ كونا قېلىپىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.