UyghurMain Dictionary
رىلېۋ
دۇنيا تارىخى
(1795 - 1826)، روسىيىلىك دېكبارست، شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پېتربۇرگتىكى بىرىنچى ھەربىي تەييارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇش (1814 - 1815) قا قاتناشقان. ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن پېتربۇرگ جىنايى ئىشلار سودىدا زاسېداتىل بولغان (1182). 1823-يىلى دېكابرىستلارنىڭ شىمال جەمئىيىتىگە قاتنىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان ھەمدە بېستۇژېۋ (1791 - 1855) بىلەن بىرلىكتە <قۇتۇپ يۇلتۇزى> ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، دېكابرىستلارنىڭ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. 1825-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى پېتربۇرگ كېڭەش پالااتسى مەيدانىدىكى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دارغا ئېسىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمىگە بولغان ئۆچمەنلىك ۋە خەلققە بولغان مۇھەببەت بىلەن تولغان. ئاساسلىق شېئىرلىرى <ئەتىۋارلىق ۋەزىرگە>، <پۇقرا>، <روگىنيۇدا>، <ئىۋان سواسنىن> ۋە داستان <ۋوينا روۋىسكى>، <نالىۋايكو> (تۈگىمىگەن) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.