UyghurMain Dictionary
رىم
مەشھۇر شەھەرلەر
ئىتالىيە پايتەختى رىم دۆلەت زېمىنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تىبر دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھېكايە بار: ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رومۇلو بىلەن لېمىس گرېتسىيىلىك ئۇرۇش مۇئەككىلى مارسنىڭ قوش كېزەك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئانىسى رەقىبلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇ ئىككىسى سېۋەتكە سېلىنىپ تىبر دەرياسىغا تاشلىنىدۇ. بىراق سېۋەت سۇغا چۆكۈپ كەتمەستىن، بەلكى دەريادا لەيلەپ ئېقىپ قىرغاققا كېلىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنى بىر ئانا بۆرە ئېلىپ كېتىپ، ئۆز سۈتى بىلەن باقىدۇ. كېيىن بىر ئوۋچى ئۇلارنى بېقىۋېلىپ، ئۇلارغا ماھارەت ئۆگىتىدۇ. ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن رەقىبلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئانىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭى پادىشاھ بولۇپ، تىبر دەرياسى بويىدىكى يەتتە ئېدىرلىق ئۈستىگە شەھەر قورغىنى سېلىپ ئۆزىنىڭ نامى بىلەن «رومۇلو» دەپ ئاتايدۇ.«رومۇلو» دېگەن سۆزنى تېز ئوقۇسا «رىم»دېگەندەك ئاڭلىنىدۇ، شۇڭا رىم «يەتتە ئېدىرلىق شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھازىر رىمنىڭ شەھەر گېربىدا ئانا بۆرىنىڭ بالىغا سۈت بېرىۋاتقان سۈرىتى بار.
ھازىرقى رىم شەھىرى قەدىمكى رىم شەھىرى بىلەن20 - ئەسىردىن بۇيان كېڭەيتىلىپ سېلىنغان يېڭى شەھەر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «يەتتە ئېدىرلىق» ئۈستىگە سېلىنغان قەدىمكى رىم شەھىرى، تارىختا بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئىدى. مىلادىيە4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، رىم ئىمپېرىيىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن، دىنىي جەمئىيەتنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرغان ھەمدە پاپا ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بۇ خىل ھالەت تاكى1867 - يىلى ئۇ ئىتالىيىنىڭ پايتەختى قىلىنغىچە داۋاملاشقان.
شەھەر سېپىلى ئارقىلىق قورشالغان قەدىمكى رىم شەھىرى خۇددى غايەت زور بىر تارىخىي مۇزېيغا ئوخشايدۇ. كەڭ كەلگەن ئىمپېرىيە يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە نۇرغۇن داڭلىق مەيدان، چېركاۋ ۋە سارايلار بار. ئۈچ زەپەر دەرۋازىسى بىلەن ئىككى زەپەر تۈۋرۈكىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا زېمىنى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن.
كىشىنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالىدىغان كولوسسايئو گلادىئاتور مەيدانى شەھەر مەركىزىگە يېقىن بىر ئويمانلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى20 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى527 مېتىر، تېمىنىڭ ئېگىزلىكى57 مېتىر كېلىدۇ. تۆت قەۋەت ئېگىزلىكتىكى بۇ قۇرۇلۇش سۇس سېرىق رەڭلىك غايەت زور تاشلاردىن قوپۇرۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى دۈگىلەك شەكىلدە. بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش مىلادىيە1 - ئەسىردە سېلىنغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ يىللىرى رىم ئىمپېرىيىسى ئېرۇسالېمنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ غايەت زور ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن80 مىڭ ئەسىرنى مەجبۇرىي ھالدا10 يىل ئەمگەككە سېلىپ بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملىغان. مەيدان ئىچىدە نۇرغۇن شىر ۋە يولۋاسلارنى سولايدىغان ئورىلار بار، گلادىئاتور مەيدانىنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىش ئورنى مەيدان مەركىزىگە جايلاشقان، مەيدان ئەتراپىغا50 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن سىغىدۇ. گلادىئاتور باشلانغاندا3000 پالۋان5000 ئەركەك شىر ۋە يىرتقۇچ يولۋاس بىلەن ھايات - ماماتلىق ئېلىشىدۇ، ئېلىشىش100 كۈن داۋاملىشىدۇ، ھازىر گلادىئاتور مەيدانى دۇنيادىكى سەككىز چوڭ داڭلىق ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ۋاتىكان رىم شەھىرىدىكى دۆلەت بولۇپ، قەدىمكى رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋاتىكان ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. يەر كۆلىمى ئاران44 .0 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى2000 ئەتراپىدا. ئۇ كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پاپانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ روھىي مەركىزى. بۇ دۆلەتتىكى سىنت - پيېتېر ئىبادەتخانىسىنىڭ يەر يۈزىدىن يۇمىلاق ئۆگزىسىگىچە بولغان ئارىلىقى138 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ رىمدىكى ئەڭ ئېگىز كاتولىك دىنى ئىبادەتخانىسى بولۇپ، رىمدا ئەڭ يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە. ئۇ خۇددى بېيجىڭدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى زىجىنچېڭدىكى سارايلاردىن ئېگىز بولۇپ كەتسە بولمايدۇ دېگەنگە ئوخشاش، ئىلگىرى رىمدىكى بارلىق قۇرۇلۇشلار ئېگىزلىكىنىڭ سىنت - پيېتېر ئىبادەتخانىسىنىڭ يۇمىلاق ئۆگزىسىنىڭ ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مەنئى قىلىنغان.
بىئولوگىيە
ئىتالىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى، ئىتالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. شەھەر ئاھالىسى 2 مىليون 828 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984). رىم شەھىرى تېبىر دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىدكى تۈزلەڭلىك رايونىغا جايلاشقان. شەھەردىن تىررىن دېڭىزىغىچە بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، 24 كۆۋرۈك بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئىچىنىڭ قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدا 1955 - يىلى يەر ئاستى تۆمۈريولى سلېىنغان، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر كېلىدۇ. رىم ئىمپېرىيىسى مۇشۇ شەھەردە بارلىققا كەلگەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000 - يىللارنىڭ باشلىرىدا رىم خەلقلىرى شەرقىي شىمال رايونلاردىن بۇ جايغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 8 - ئەسىردىن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 758 - يىلى) 4 - ئەسىرگىچە بۇ جايلاردا قەلئەلەر قۇرۇلۇپ تەدرىجىي ھالدا ئەڭ دەسلەپكى رىمنىڭ ئاساسىي سېلىنغان. مىلادى 756 - يىلىدىن 1870 - يىلىغىچە كاتولىك دىنىنىڭ مەركىزى بولغان. 1870 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھى ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى بولغان. كاتولىك دىنىنىڭ پوپى — ۋاتىكانغا كۆچكەن. رىم ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ جايدا ماشىنىسازلىق، پاراۋوز، قاتناش ئۈسكۈنىلىرى، كىيىم - كېچەك، تېرە - خۇرۇم، قەغەز، نەشرىيات قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا ئىتالىيىنىڭ كىنو سانائەت مەركىزى بار. شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چىۋىتا - ۋىككىيا پورتى ئۇنىڭ مۇھىم پورتى ھېسابلىنىدۇ. رىم ئىتالىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مۇھىم ساياھەت رايونى، ھەر يىلى دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىن رىم شەھىرىگە ساياھەت ئۈچۈن كېلىدىغان كىشىلەر 3 مىليون 680 مىڭدىن ئاشىدۇ. بىر يىللىق ساياھەت كىرىمى 960 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
دۇنيا تارىخى
قەدىكى ئىتالىيىدىكى تىبر دەرياسى بويىدىكى بىر شەھەر، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن 754 - 753 يىل ئىلگىرى رومۇلوس رىم شەھىرىنى بىنا قىلىشقا كىرىشىپ، پادىشاھلىق دەۋرنى باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتىنچى پادىشاھ سېرۋىي تۇللىي ئىسلاھاتىدىن كېيىن، سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈپ، قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت شەكىللەنگەن. مىلادىدىن 510 يىل ياكى 509 يىل ئىلگىرى پادىشاھلىق دەۋر ئاياغالاشقان، سېنتۇرىيە (100 كىشىلىك ئۆمەك) ھەر يىلى ئىككى نەپەر كونسۇل سايلاپ، ھەربىي ۋە باشقا مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، ئاددىي خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش دەرىجە چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئاددىي خەلقلەرمۇ مۇھىم مەنسەپ (بىر نەپەر كونسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لەرنى ئۆتەيدىغان بولغان ھەمدە ترىبۇنلار (خەلق پاسىبانلىرى) نى تەسىس قىلىپ ئاددىي خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان؛ سىرتقا قارىتا بىر قاتار ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن بويسۇندۇرغان ھەمدە بىرلىككە كەلتۈرگەن. ېنات كەڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مەمۇرىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىشتا سىياسەت بەلگىلەيدىغان ئورگان بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، پونىي ئۇرۇشى، ماكېدونىيە ئۇرۇشى قاتارلىق كۆپ قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق كارفاگېن (شىمالىي ئافرىقا)، ماكېدونىيە، يۇنان ۋە ئىسپانىيىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىنى بېسىۋېلىپ، بۇ جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن بىر قانچە مەمۇرىي ئۆلكە تەسىس قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. قۇللارنىڭ ئەمگىكىنى ئاساس قىلغان چوڭ ئېمىنىيە (لاتىفۇندىيە) تۈزۈمىنىڭ ەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئىتالىيىنىڭ دېھقانچىلىق، سودا - سانائەت ۋە شەھەرلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دېھقانلار كۆپلەپ ۋەيران بولۇپ، ماكانسىز پرولېتارلارغا ئايلىنىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتكەسكىنلەشكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە <ئىچكى ئۇرۇش دەۋرى دەپ ئاتالغان. قۇللارنىڭ قۇلدارلارغا قارشى قوزغىلىڭى بولغان. مەسىلەن، سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى ۋە سپارتاك قوزغىلىڭى؛ ۋەيران بولغان دېھقانلارنىڭ چوڭ يەر مۈلۈكچىلىكىگە قارشى ھەرىكىتى يۈز بەرگەن، مەسىلەن، ئاكا - ئۇكا گراككۇ ئىسلاھاتى؛ھوقۇقسىزلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى بولغان، مەسىلەن، ئىتتىپاقچىلار ئۇرۇشى؛ شۇنىڭدەك قۇلدارلار سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا رىتسارلار بىلەن سېناتورلارنىڭ كۈرىشى بولغان، بۇ كۈرەشلەر ئۈزۈلمەي كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. سۇللانىڭ ھاكىممۇتلەقلىكى، بىرىنچى قېتىملىق ئۈچلەر ئىتتىپاقى ۋە كئېسارنىڭ ھاكىممۇتەلەقلىكىدىن. ئىككىنچى قېتىملىق ئۈچلەر ئىتتىپاقى ۋە ئاۋگۇست (ئوكتاۋىئان) دۆلەت باشلىقلىق سىياسىي (پىرىنسىپات تۈزۈمى) تۈزۈمىنى ئورناتقىچە بولغان مەزگىلدە رىم ئىمپېرىيىسى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. ئاۋگۇستنىڭ ھۆكۈمرانلىقى (مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى مىلادى 14-يىلغىچە) ئېلىپ كەلگەن >رىمنىڭ تىنچلىقى<، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. داۋالىق سىرتقا كېڭەيمچىلىك قىلغان، ئانتونىن خاندانلىقى (مىلادى 96 - 192) دەۋرىدە رىمنىڭ زېمىنى تازا كېڭىيىپ، غەربتە برىتانىيە، ئىسپانىيىگىچە، شەرقتە ئېفرات دەرياسىغىچە، جەنۇبتا ئافرىقىنىڭ شىمالىغىچە، شىمالدا رېين دەرياسى، دۇناي دەرياسى ئەتراپلىرىغىچە يەتكەن. ئوتتۇرا دېڭىز ئىمپېرىيىسىنىڭ >ئىچكى كۆلى< گە ئايلانغان؛ سودىگەرلەر توپلانغان بولۇپ، ھەممە جايغا ئۆتەڭلەر سېلىنغان، >رەت - رەت يوللار رىمغا تۇتاشقان<. مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خرىستىئان دىنى پەيدا بولۇپ، Ⅱ، Ⅲ ئەسىرلەردە تېز تارقالغان، رىم ھۆكۈمرانلىرى دەسلەپتە خرىستىئان دىنىغا زىيانكەشلىك قىلغان، كېيىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، Ⅳ ئەسىردە ئۇنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. مىلادى Ⅲ ئەسىردە قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكى ۋەسىياسىي كرىزىسىگە پېتىپ قېلىپ، بېقىندى دېھقان تۈۈمى فېئوداللىق ئامىل سۈپىتىدە كۈنسايىن كۆپەيگەن. ئارمىيە زوراۋانلىق قىلىپ، پادىشاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تىكلەش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئىمېرىيە سىياسىي قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئاياغلاشقان. مىلادى 284-يىلى دىئوكلېتىئان پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى (پادىشاھلىق تۈزۈم) نى ئورناتقان، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئىمپېرىيە دەۋرى باشلانغان. كونستانتىن تەختتە ئولتۇرغان ( مىلادى 306 - 337) مەزگىلدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پايتەختنى شەرقتىكى ستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي كونستانتىنوپول (ۋىزانتىيە) گە كۆچۈرگەن. ئىمپېرىيىنىڭ زۇلۇمى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىسى كە كۆلەملىك خەلق قوزغىلاڭلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گاللىيە رايونىدىكى باگائۇدا ھەرىىتى، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئاگونىست ھەرىكىتى رىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بەرگەن. 395-يىلى پادىشاھ تېئودوسىي ئۆلگەندىن كېيىن، ئىمپېرىيە ئاخىرى شەرقىي ۋە غەربىي رىم دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. غەربىي يېرىم قىسمىدا ئۇدا بىر قانچە يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىىقى بىلەن ئىگىلىك خارابلىشىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئالاقىسى بوشىشىپ قالغان، ھۆكۈمرانلىقىمۇ كۈنسايىن ئاجىزلاشقان. سىرتتىن كەلگەن گېرمانلار كەينى - كەينىدىن چېگرىغا كىرگەن. كۆپلىگەن >ۋارۋارلار< رىم ئارمىيىسىگە قاتناشقان. مىلادىدىن Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا غەربىي گوتلار دۇنيا دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، 376-يىلى رىمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، رىمنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. مىلادىن 395-يىلدىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئىتالىيىگە قوشۇن تارتىپ، 410-يىلى قۇللارنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا >مەڭگۈلۈلۈك شەھەر< رىمنى بىر مەھەل ئىشغال قىلغان؛ كېيى گاللىيىگە ۋە ئىسپانىيىگە كىرىپ، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى قۇرغان. دېڭىزدىن ئۆتۈپ شىمالىي ئافرىقىغا كىرىپ، ۋاندال پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋانداللار 455-يىلى ئىتالىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، رىم شەھىرىنى يەنە ئىشغال قىلىپ، بۇلاپ - تالاپ ۋەيران قىلىۋەتكەن. غەربىي رىمنىڭ ئاخىرقى كۈنىلىرىدە رىم شەھىرىدىن راۋېنناغىچە بولغان بىر پارچە زېمىنلار قېپقالغان. مىلادىن 476-يىلى پاىدشاھ رومۇل ئۋگۇستۇل گېرمانلارنىڭ ھەربىي يولباشچىسى ئودوئاكر تەرىپىدىن بىكار قىلىنىپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغان (شەرقىي رىم ياكى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى 1453-يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان)؛ بۇ ۋەقە تارىخ تۈزۈش ئىلمىدە، دائىم قۇللۇق تۈزۈم ئاياغلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىنىدۇ. قەدىمكى رىم دەۋرىدە مەدەنىيەت جەھەتتە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر بارلىققا كەلگەن، بولۇپمۇ بىنكارلىق، قانۇنشۇناسلىق ۋە لاتىن تىلى قاتارلىقلارنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى غەربكە كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. >رىم مەدەنىيىتى (قەدىمكى زامان)< گە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
>تارىخ< ئىتالىيىنىڭ قەدىمكى شەھەر دۆلەتلىرىدىن بىرى.
ئىتالىيىنىڭ ھازىرقى پايتەختى.