UyghurMain Dictionary
رىم جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
(1) تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسى بويىچە ئادەتتە مىلادىدىن 754 يىل ياكى 753 يىل ئىلگىرىكى يىلدىن مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرىكى يىلغىچە بولغان رىم قۇللۇق تۈزۈم دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ. <رىم (قەدىمكى زامان)> غا قاراڭ. (2) 1143 - 1155-يىللىرى رىم سودىگەرلىرى، قول سانائەتچىلىرى ۋە ئۇششاق رىتسارلىرى قۇرغان جۇمھۇرىيەت. 1147-يىلى ئۇلار مىسونېر ئارنولدنى رەھبەر قىلىپ سايلىغان، ئۇلار پاپانىڭ دەھرىي ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەشەبۇس قىلىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ مال - مۈلۈككە ئىگە ولۇشىغا قارشى تۇرغان ھەمدە خەلق پارلامېنتى، سېنات تەسىس قىلىپ، تېرىبونى تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. كېيىن ئىچكى قىسمىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن، سودىگەرلەر ئارنولدقا ئاسىيلىق قىلغان، ئۇ 1155-يىلى ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن گېرمانىيە كورۇلى فرېدرىخ Ⅰ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، رىم پاپاسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقان. (3) 1347-ۋە 1354-يىللىرى رىم شەھەر خەلقى قۇرغان جۇمھۇرىيەت. پاپا ئاۋىگنوندا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، رىم قول سانائەتچىلىرى ۋە ئۇششاق سودىگەرلىرى فېئوداللارنىڭ زوراۋانلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، 1347-يىلى رىئېنسونىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. يېڭى ھاكىمىيەت ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، رىمنى مەركەز قىلىپ ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولغان. كېيىن باجنى كۆپەيتكەنلىكتىن ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ يىلى رىئېنسو فېئوداللار تەرىپىدىن قوغلاپ ىچقىرىلغان. 1354-يىلى رىئېنسو رىمغا قايتىپ كېلىپ، ھاكىمىيەتنى قايتىدىن تارتىۋالغان. لېكىن كۆپ ئۆتمەي فېئوداللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (4) 1798 - يىلى فرانسىيە تەپتىش ھۆكۈمىتى ئارمىيىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا پاپا دۆلىتىنىڭ رېمىندا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت بولۇپ، 1799-يىلى ئاغدۇرۇلغان. (5) 1849-يىلى 3-ئايدا پاپا دۆلىتىنىڭ زېمىنىدا قۇرۇلغان بۇرژۇئا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت. شۇ يىلى 6-ئايدا ئاغدۇرۇلغان.