UyghurMain Dictionary
نامايىش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بايرام ياكى مۇراسىم مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋى يۈرۈش؛ بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە ئېتراز بىلدۈرۈپمۇ نامايىشلار بولىدۇ.
1955 -يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالتە يىللىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەمەلدە كۆرسىتىش، نامايان قىلىش، ئىپادىلەش، گەۋدىلەندۈرۈش.
نامايىش قىلماق.
كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىرەر پائالىيەتنى تەبرىكلەش، خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى ياكى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مەلۇم كۆز قاراشلىرىنى، نارازىلىقىنى ئىپادىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن توپ - توپ بولۇپ كوچىغا چىقىپ كوچىمۇ كوچا ئايلىنىپ مېڭىشى.
نامايىش قىلماق.