UyghurMain Dictionary
نامدار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەشھۇر، داڭلىق:
سەلتەنەت مەيدانى ئىچرە نامدار،
ئەدل بىرلەنى يې نەزىرى روزگار.
زەلىلى.
ئاتام بار ئىدى دەھردە نامدار،
كى دۇنياسى ئېردى ھەزاران - ھەزار.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نام - ئاتىقى چىققان، نام - ئاتاق قازانغان.
ئاتاقلىق ئەدىب لۇشۈن. داڭلىق ياش ناخشىچىمىز دىلبەريۇنۇس بىزگە شان - شۆھرەت كەلتۈردى. نامدار يىگىت نامىنى قوغدايدۇ. جاھانغا مەشھۇر ئالىملار خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
نامى بار، نامى چىققان، داڭلىق.
ئۇنىڭمۇ نامدار شەھەرلەرگە بېرىپ سەيلە - تاماشا قىلغۇسى كېلەتتى.