UyghurMain Dictionary
نامايەندە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇرۇلتاي، يىغىن، مۇئەسسەسەگە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان كىشى؛ شەخس، جەمئىيەت، دۆلەت ئۆزلىرى نامىدا ئىش بېجىرىشكە ۋەكالەت بەرگەن كىشى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى 8 - يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدى. ب د ت نىڭ ۋەكىلى ۋەنس يۇگوسلاۋىيىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئارا بولۇۋاتقان توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئېلىپ بېلگرادقا كەلدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆزگە كۆرۈنگەن، ۋەكىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇھقا ياكى بىرەر ساھەگە، ئېقىمغا مەنسۇپ بولغان، ۋەكىل خاراكتېرلىق شەخس، ۋەكىل.
ئەبۇ ناسىر فارابى ئۇلۇغ ئۇيغۇر - قارلۇق ئالىمى، ئوتتۇرا ئەسىر ئارستوتىلچىلىق ئىلمىي تەلىماتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى ئىدى.
ئوخشاش تۈردىكى نەرسىلەر ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ ئالىي ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسە، ئۈلگە.
ئەجدادلىرىمىز قۇرۇلۇش ساھەسىدىمۇ ئۆچمەس نامايەندىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ئەنە شۇلاردىن بىرى - ھېيتگاھ جامەسىدۇر.