UyghurMain Dictionary
نامرات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھال - ئوقىتى ناچار، تۇرمۇشى قىيىن كىشى.
كەمبەغەل دېھقان؛ شەھەر كەمبەغەلى. كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق. نامراتلارنى يۆلەش كېرەك. نامرات بولساڭ شەھەر قوغلاش. ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن. گاداينىڭ بالىسى، باينىڭ كالىسى. ئۇ بىچارە قاششاق ئادەم. ھەممىسىدىن ئايرىلدىم، قاق سەنەم بولۇپ قالدىم. قولى قىسقىنىڭ يولى قىسقا. قولى ئۈزۈكنىڭ قولى گەجگىسىگىمۇ يەتمەيدۇ. كېيىك ئوقسىزغا ئۇچراپتۇ، بالا - قازا يوقسىزغا. يوقسۇلغا يولدا يولۋاس ئۇچراپتۇ. مەن بىر ئۇرۇق ئات، رەھىم قىلسىلا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قول ئىلكىدە ھەتتا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىمۇ بولمىغان، ئىقتىسادسىز.
باي، غەنىي، دۆلەتمەن، ھاللىق
قول ئىلكىدە يەر، سۇ، پۇل - مال، مال - مۈلۈك، مال - چارۋىسى كۆپ، ئىقتىسادلىق.
باي نەدە، ۋاي شۇ يەردە. غەنىينىڭ غېمى كۆپ. بايدىن ئەمەلدار چىقسا، كەمبەغەلدىن دانا چىقار. بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، گادايغا كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي. گاداي ئىتتىن قورقىدۇ، ئىت گادايدىن. باينىڭ كېلىنى بولغىچە، نامراتنىڭ قىزى بول. باينىڭ ئارغامچىسى بولسا، يوقسۇلنىڭ كۇلىسى بار. پېقىر زورا تۇتسا، باي ھېيت ئوينايدۇ. ھاللىق بولساڭمۇ ھال تارتما. دۆلەتمەن بولساڭمۇ، سۆلەتمەن بولسا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئىقتىسادى ناچار، ئېشىنچا پۇل - مېلى يوق، ماددىي تۇرمۇشى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان؛ كەمبەغەل.
موللازەيدىن بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
قىس، كەم، كەمبەغەل.
تىلدا نامرات بولۇش - شائىرنىڭ ئەڭ زور مەغلۇبىيىتىدۇر.