UyghurMain Dictionary
ناماقۇل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، قوبۇل قىلغىلى، ماقۇل بولغىلى بولمايدىغان، خاتا، بىمەنە، دۇرۇس ئەمەس.
سەندىن ماڭا ھېچقانداق ناماقۇل سۆز ۋە زىيان يەتمىدى.
ئى. بەزى جۈملىلەردە <كەچۈرۈم، ئەپۇ سوراش، سەۋەنلىكنى ئۈستىگە ئېلىش، ئۆزرە ئېيتىش> مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
يار ھۇجرىسىدا ياتىپ، دېگەن سۆزىگە ماقۇل. يار مەندىن يامانلاپتۇ، مەن يارىمغا ناماقۇل.