UyghurMain Dictionary
ماخ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يالغان، ساختە (ئالتۇن ياكى پۇلغا قارىتا)؛ پەس؛ قېرى؛ كونا.
دۇنيا تارىخى
(1838 - 1916) ئاۋسترىيىلىك فىزىك، پەيلاسوپ، تەجرىبە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. 1864 - 1866 - يىللاردا گراز داشۆسىنىڭ ماتېماتىكا ۋە فىزىكا پروفېسسورى بولغان. 1867 - 1895 - يىللاردا پراگا داشۆسىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى بولغان. 1895 - 1901 - يىللاردا ۋېئىن داشۆسىنىڭ پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1901 - يىلى يۇقىرى پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. مېخانىكا، ئاكۇستىكا ۋە ئوپتىكا جەھەتتە مەلۇم ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. <ماخ سانى> ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. پەلسەپىدە <مۇھىم ئامىل> تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە <مۇھىم ئامىل> ئالەمدىكى بىردىنبىر مەۋجۇدىيەت، ئۇ تۇيغۇدۇر. جىسىم بولسا، مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىكمىسى (تۇيغۇنىڭ بىرىكمىسىدىن) باشقا نەرسە ئەمەس دەپ ھېسابلاپ، مۇشۇ ئاساستا، ماتېرىيالىزم ۋە ئىدېئالىزمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر خىل يېڭى پەلسەپىنى يارىتىشقا ئۇرۇنغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال رېۋىزىئونسىتلىرى ئۇنىڭ ئىدېئالىزملىق پەلسەپىسىدىن پايدىلىنىپ، ماركسىزمغا قارشى تۇرغانىدى. لېنىن <ماتىرىيالىزم ۋە تەجرىبە تەنقىدچىلىكى> دېگەن ئەسىرىدە ئۇنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <مېخانىكا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى تارىخىي تەنقىدكە ئائىت ئومۇمىي چۈشەنچە>، <ئىسسىقلىق مېخانىكا قائىدىلىرى>، <فىزىكىدىكى ئوپتىكا قائىدىلىرى>، <تۇيغۇ ھەققىدىكى تەھلىل>، <بىلىش بىلەن خاتالىق> قاتارلىقلار بار