UyghurMain Dictionary
ماخاۋ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقۇملۇق كېسەل، ماخاۋ باكتېرىيىسىدىن بولىدۇ، تېرە قېلىنلىشىدۇ، رەڭگىنى ئۆزگەرتىدۇ، تۇيماس بولۇپ قالىدۇ. چاچلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ، قول - پۇت بارماقلىرى قۇرۇلۇپ قالىدۇ.
پۇلى بولسا ماخاۋمۇ چېچىنى ئالدۇرار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
تېبابەت
سوزۇلما خاراكتېرلىك يوقۇملۇق كېسەللىك. ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا، تېرە ئۇيۇشۇش، قېلىنلاش، رەڭگى قارىيىش، تېرە يۈزىدە تۈگۈنچىلەر پەيدا بولۇش، چاچ - تۈكلەر تۆكۈلۈپ كېتىش، سېزىمنى يوقىتىش ۋە قول - پۇت بارماقلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.