UyghurMain Dictionary
ماخاباراتا
دۇنيا تارىخى
<ئۇلۇغ باراتا مىلىتى> دېگەن مەنىدە. قەدىمكى ھىندىستاننىڭ سانسكرىت يېزىقىدىكى داستانى. دەسلەپتە خەلقنىڭ ئاغزاكى ئىجادىيىتى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئاپتورى ۋىياسا داستانىنى رەتلىگەن شائىر بولسا كېرەك. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ياكى Ⅳ ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن. Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە ئاساسەن ھازىرقى مەزمون ۋە شەكىلگە ئىگە بولغان. پۈتۈن داستانى 18 قىسىم، بىر قوشۇمچە قىسىم بولۇپ، جەمئىي 100 مىڭ مەدھىيە (ھەربىر مەدھىيىدە ئىككى جۈملە سۆز) بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن باراتانىڭ ئىككى تارماق ئەۋلادى بولغان كۇرۇس بىلەن پاندوس ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بايان قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە جەڭ ئۇ ئىككىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، شىمالىي ھىندىستاندىكى قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان. ئۇرۇش 18 كۈن (19 كۈنمۇ دېيىلگەن) داۋام قىلغان. نەتىجىدە پاندوس غەلىبە قىلغان. كۇرۇس يوقىتىلغان. ھېكايىدە ئارىيان قەبىلىلىرىنىڭ دۆلەتكە ئۆتۈش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. داستان تارقىلىش داۋامىدا نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر ھەمدە تۈرلۈك ئەپسانە - رىۋايەتلەر قوشۇلغان. دىن ۋە پەلسەپە قائىدىلىرى تۇغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ كاتتا داستان (مەلۇماتقا قارىغاندا <گومېر داستانى>نىڭ سەككىز ھەسسىسىگە تەڭ) ئۆزىنىڭ مول مەزمونلىرى ۋە چوڭقۇر ئىجادكارلىقى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى ھىندىستان خەلقنىڭ قىزغىن سۆيۈشىگە ئېرىشكەن. ئۇ <رامايانا> بىلەنمۇ ئوخشاشلا دۇنيا ئەدەبىياتىدكى مەشھۇر ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.