UyghurMain Dictionary
ماخاماۋدگالىيايانا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىر) بۇددا دىنىنىڭ ياراتقۇچىسى ساكيامونىنىڭ ئون شاگىرتىنىڭ بىرى. ئېتىشلارغا قارىغاندا دەسلەپتە بىدئەت بولۇپ، كېيىن ئۆز ئاغىنىسى سارىپۇترا بىلەن بىللە بۇددا دىنىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئېتىقاد قىلغان، پەۋقۇلئاددە قابىلىيەتلىك دەپ ماختالغان. كېيىن بۇددا دىنىغا قارشى براھمانلار تەرىپىدىن كالتەكلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. <ئوللامبانا> دا تەسۋىرلەنگەن ئۇنىڭ ئۆز ئاپىسىنى قۇتقۇزۇشى تۇغرىسىدىكى چۆچەك كونا جۇڭگودا كەڭ تارقالغان.