Uyghur←ChineseMain Dictionary
ماخ
دۇنيا تارىخى
马赫
mǎ hè
(1838 - 1916) ئاۋسترىيىلىك فىزىك، پەيلاسوپ، تەجرىبە تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. 1864 - 1866 - يىللاردا گراز داشۆسىنىڭ ماتېماتىكا ۋە فىزىكا پروفېسسورى بولغان. 1867 - 1895 - يىللاردا پراگا داشۆسىنىڭ فىزىكا پروفېسسورى بولغان. 1895 - 1901 - يىللاردا ۋېئىن داشۆسىنىڭ پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1901 - يىلى يۇقىرى پالاتانىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. مېخانىكا، ئاكۇستىكا ۋە ئوپتىكا جەھەتتە مەلۇم ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. <ماخ سانى> ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. پەلسەپىدە <مۇھىم ئامىل> تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە <مۇھىم ئامىل> ئالەمدىكى بىردىنبىر مەۋجۇدىيەت، ئۇ تۇيغۇدۇر. جىسىم بولسا، مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىكمىسى (تۇيغۇنىڭ بىرىكمىسىدىن) باشقا نەرسە ئەمەس دەپ ھېسابلاپ، مۇشۇ ئاساستا، ماتېرىيالىزم ۋە ئىدېئالىزمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر خىل يېڭى پەلسەپىنى يارىتىشقا ئۇرۇنغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال رېۋىزىئونسىتلىرى ئۇنىڭ ئىدېئالىزملىق پەلسەپىسىدىن پايدىلىنىپ، ماركسىزمغا قارشى تۇرغانىدى. لېنىن <ماتىرىيالىزم ۋە تەجرىبە تەنقىدچىلىكى> دېگەن ئەسىرىدە ئۇنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <مېخانىكا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى تارىخىي تەنقىدكە ئائىت ئومۇمىي چۈشەنچە>، <ئىسسىقلىق مېخانىكا قائىدىلىرى>، <فىزىكىدىكى ئوپتىكا قائىدىلىرى>، <تۇيغۇ ھەققىدىكى تەھلىل>، <بىلىش بىلەن خاتالىق> قاتارلىقلار بار.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
马赫(速度与声速之比)
mǎ hè (sù dù yǔ shēng sù zhī bǐ )Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
马赫〈刚〉
mǎ hè 〈gāng 〉