UyghurMain Dictionary
يىغىش ئىگىلىكى
دۇنيا تارىخى
ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى يىغىۋېلىشقا تايىنىپ ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئېھتىياجىنى قامدىغان پائالىيىتى. ئۇ ئوۋچىلىق ئىگىلىكى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ پۈتكۈل نادانلىق دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي تارماقلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كونا تاش قوراللار، ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىدىكى تۆۋەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى بىلەن ماس كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇن يىللارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، كىشىلەر تېخى تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتىش ياكى تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغانىدى، پەقەت تەييار تەبىئىي مەھسۇلاتلار (يېگىلى بولىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى، قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر، يىلتىز غولى ۋە ھاشارات، كىچىك يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، دېڭىز يۈسۈنلىرى) نى يىغىش ۋە ھايۋانلارنى ئوۋلاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ئارقىلىق تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى قامدىغان. كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلكى ئۆسۈملۈكلەر توپ - توپ بولۇپ ئۆسكەن ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغقا تارقالغان، بۇمۇ يىغىش ئىگىلىكىنى پايدىلىق مۇھىت بىلەن تەمىنلىگەن. يىغىش بىلەن ئوۋچىلىق تەبىئىي ئىش تەقسىماتى (يېشى ۋە جىنسىغا قاراپ ئىش تەقسىم قىلىش) ئۇسۇلى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان؛ ئاياللار ئاساسەن يىغىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئەرلەر ئاساسەن ئوۋ ئوۋلاش بىلەن شۇغۇللانغان. ئوۋ ئوۋلاش بىلەن تۇرمۇش ئېھتىياجىنى دائىم قاندۇرغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەمەلىيەتتە يىغىش ئىگىلىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە ئاياللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ماددىي شەرتى بولغان. كىشىلەر ئۇزاق ۋاقىتلىق يىغىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرلىرىنى پەرق ئېتىپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىنى كۆزىتىپ، پەيدىنپەي ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشكە مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالغان. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، يىغىش ئىگىلىكى ئىپتىدائىي دېھقانچىلىققا تەرەققىي قىلغان.