UyghurMain Dictionary
يىغلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايغۇ - ئەلەم ۋە باشقا كۆڭۈلسىزلىك، ئاغرىق، سەۋەبىدىن كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆزىگە ياش ئالماق، ياش تۆكمەك.
يىغلىغانغا ئۆلۈك تىرىلمەس. دوست يىغلىغاندا، دۈشمەن كۈلەر. ئۇلار يىغلاپ كۆرۈشتى. تىمساھنىڭ كۆز يېشى قىلغىنىنى كۆرۈپ دوست بولما. ياش تۆككەنگە دەرت چىقماس. ئەگەر ئىنسان ھاياتتىن بىرەر ھەقىقەت تاپتى دەپ ئېيتىشقا توغرا كەلسە، ئۇ ھەقىقەت شۇكى، يىغلاشقا ئەرزىمەيدىغان ھەرقانداق نەرسىگە ھەرگىز يىغلىما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ياش تۆكمەك، كۆزىدىن ياش ئاققۇزماق.
قىز ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.
كۆچمە. دەرد - ھەسرىتىنى تۆكۈپ نالە قىلماق، دەردنى تۆكمەك.
بالام ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، سەن ياق دېسەڭ كىمگە يىغلايمەن.