UyghurMain Dictionary
يىغماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تارقاق، چېچىلاڭغۇ نەرسىلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرمەك.
ئالتۇن يىققاندىن بىلىم توپلىغان ئەلا. ساندۇققا ئالتۇن يىققۇچە، قورساققا بىلىم يىغ. ئوغرىلاپ مال توپلاشنى بىلگەن داردا ئىغاڭلاشنىمۇ بىلەر. ئادەمدىن يۇقىرى تۇرىدۇ ئالەم، بىلىم توپلىماققا موھتاجدۇر ئادەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چېچىلاڭغۇ، تارقاق نەرسىلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرمەك، جەملىمەك.
چاچماق، تارقاتماق
يىغىق، توپ نەرسىلەرنى ھەر يەر - ھەر يەرلەرگە بۆلۈۋەتمەك، پۈركىمەك.
ئاتا - ئانا چۈمۈلىدەك يىغىدۇ، بالا توخۇدەك چاچىدۇ. يىغساڭ كۆپ، ئۆلچىسەڭ ئاز. تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ. يېمەي - ئىچمەي توپلىغان، توپلىغاننى سېسىتار. يېمەي يىغقاننىڭ يېگۈچىسى چىقار، كىيمەي توپلىغاننىڭ كىيگۈچىسى. كوچىغا سۇ چېچىپ، سۈپۈرۈپ تۇرۇش مەدەنىيەتلىكنىڭ بىر بەلگىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر يەرگە توپلىماق، جەملىمەك، بىرلەشتۈرمەك، بىر قىلماق.
بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ھاتەم ھەممەيلەننى يىغدى.
ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان ھوسۇل - زىرائەت، قەرز ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئوڭۇشلۇق ھالدا جەملەپ ئۆز قولىغا، ئىلكىگە ئۆتكۈزمەك، قولىغا ئالماق.
قەرز يىغماق. ھوسۇل يىغماق.
ئاز - ئازدىن توپلاپ ئاينتماق، كۆپەيتمەك.
بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قوينىغا يىغار (ماقال).
پۈكلىنىدىغان، قاتلىنىدىغان، يىغىلىدىغان نەرسىلەرنى قاتلاپ - پۈكلەپ يىغىق ھالەتكە كەلتۈرمەك، قاتلىماق، پۈكلىمەك.
كارىۋاتنىڭ بىرسىگە ئورۇن - كۆرپىلەر يىغىلغانىدى.
كۆچمە. مەلۇم بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرمەك، نۇقتىلىق قاراتماق (كۈچ، خىيال، ئەس - ھوش قاتارلىقلار ھەققىدە).
كۈچىنى يىغماق. دىققىتىنى يىغماق. ھوشىنى يىغماق.
كۆچمە. مۇجەسسەملەشتۈرمەك، ئەڭ زور دەرىجىدە ئىخچاملاپ مەركەزلەشتۈرمەك (ئاساسەن گەپ - سۆز، پىكىر - مۇلاھىزە ھەققىدە).
ئۇ قەلبىدىكى پۈتۈن ھېس - تۇيغۇسى بىلەن ئارزۇ - ئىستىكىنى مانا شۇ بىر جۈملە سۆزگە يىغقانىدى.
تۈرلۈك ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنى توختاتماق، يىغىشتۇرۇپ قويماق، بولدى قىلماق.
ئۇ دەرھاللا دۇكىنىنى يىغىپ، ئالدىراپ ئۆيىگە قايتتى.