يىغىپ-تۆشەپ[يەشمىسى:] ① ئاز-ئازدىن يىغىپ، جەملەپ، تېرىپ-تۆشەپ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر يىلدىن بىرى يىغىپ-تۆشەپ تاپقان ئۈچ يۈز يۈەنلا پۇلى بار ئىدى.[يەشمىسى:] ② ھەممىسىنى يىغىپ، بارىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي، بار-يوقى ھەممىسىنى، بارىنى:[مىسال:] ئۆي سەرەمجان ھېسابتا، يوتقان كونا، كىگىز جۇل. يىغىپ-تۆشەپ ساتساقمۇ، جەم بولمايدۇ ئالتە پۇل.