UyghurMain Dictionary
يىغىلدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆزىنى يىغدى، يىغىلدى، چېكىندى.
ئەر ئىشتىن يىغىلدى _ ئادەم ئىشتىن ئۆزىنى يىغدى. باشقىلار تەرىپىدىن يىغىلسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. بۇ پېئىل ھەم ئۆتۈملۈك، ھەم ئۆتۈمسىزدۇر ( يىغىلۇر _ يىغىلماق).
3 - 107
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىغىلدى، توپلاندى، دۆۋىلەندى.
بوزۇن يىغىلدى _ خەلق توپلاندى. يارماق يىغىلدى _ يارماق (پۇل) يىغىلدى، توپلاندى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. توپراق يىغىلدى _ توپا دۆۋىلەندى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( يىغىلۇر _ يىغىلماق).
3 - 107